سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەزىرى: تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك شېرىك
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەزىرى: تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكسەئۇدى ئەرەبىستان سانائەت ۋە كان بايلىقلىرى ئىشلىرى ۋەزىرى بەندەر ئەلخۇرەيف  تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەزىرى: تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك شېرىك / AA Archive

سەئۇدى ئەرەبىستان سانائەت ۋە كان بايلىقلىرى ئىشلىرى ۋەزىرى بەندەر ئەلخۇرەيف  تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، سانائەت ۋە كانچىلىق ساھەلىرىدە دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە رايوننىڭ نۆۋەتتىكى توسالغۇلارغا قارىماي چوقۇم تېخىمۇ گۈللىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سانائەت ھەرىكىتى مېۋە بېرىشكە باشلىدى

ئەلخۇرەيف  سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سانائەت ساھەسىگە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سېلىۋاتقان مەبلەغلىرىنىڭ، بولۇپمۇ نېفىتتىن باشقا ئېكسپورتلاردا مېۋە بېرىشكە باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

 «ئىستاستىكىلىق مەلۇماتلار شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇكى، سانائەت ھەرىكىتى نۆۋەتتە مېۋە بەرمەكتە.»

رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىتتىن باشقا ئېكسپورتى 2025-يىلى 166 مىليارد 400 مىليون دوللارغا، يىللىق ئېشىش نىسبىتى %15 كە يەتكەن.

كانچىلىق ساھەسى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا

ئەلخۇرەيف  كانچىلىق ساھەسىنى سەئۇدى ئەرەبىستان ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ كۆپ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان ساھەلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە تەسۋىرلەپ، بۇ ساھەنىڭ چەكلىك مەبلەغ سېلىنمىسىدىن دۇنيا مىقياسىدا رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر مودېلغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«پەقەت بايلىقلارلا يېتەرلىك ئەمەس. مۇھىم بولغىنى، بۇ بايلىقلارنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىغا ئايلاندۇرۇلۇشىنى مۇمكىن قىلىدىغان مۇھىتتۇر.»

بەندەر ئەلخۇرەيف  ئىستانبۇلدا ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، داۋاملىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەرنىڭ دۆلەتلەرنىڭ ئەشيا ئوبوروتى، تەمىنلەش زەنجىرى ۋە سانائەت تەرەققىياتىغا بولغان قارىشىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىق بارغانسېرى كۈچەيمەكتە

ئەلخۇرەيف  تۈركىيەنىڭ خىلمۇخىل سانائەت ئۇل ئەسلىھەسىنىڭ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سانائەت ئىستراتېگىيەسى دائىرىسىدە نىشان قىلىنغان ساھەلەرگە تولىمۇ ماس كېلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ھەمكارلىق ئۈچۈن كەڭ بىر ساھە يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «بۈگۈنكى كۈندە، كان مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياج دۇنيا مىقياسىدا بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ. دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ئىشلەپچىقىرىش ياكى قوشۇمچە كەسىپلەر ئارقىلىق بايلىق تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

ئەلخۇرەيف  يېقىنقى مەزگىلدىكى توسالغۇلارنىڭ دۆلەتلەرنى ئەشيا ئوبوروتى ۋە قاتناش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش چارىلىرى ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئىيوردانىيە ۋە سۈرىيە ئارقىلىق تۈركىيەگە تۇتاشتۇرۇش پىلانلانغان تۆمۈر يول لىنىيەسىنىڭ رايونلۇق سودا توسالغۇلىرىغا نىسبەتەن ھالقىلىق بىر ھەل قىلىش چارىسى بولالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«قاتناش سەئۇدى ئەرەبىستان ئېكسپورتىنىڭ رىقابەت كۈچى نۇقتىسىدىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. سودا ئىشلىرىنى قولايلاشتۇرۇش ۋە خام ئەشيالارغا ئېرىشىشنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغان پىروگراممىلار ئالدىنقى قاتاردىكى خىزمەتلەر بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.»

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كەلگۈسىدىكى ماھارەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىش

ئەلخۇرەيف  ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلارنىڭ ئاخىرقى نىشانىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ياخشىلاش ۋە پۇقرالارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، سانائەتنىڭ ئىلغار تېخنولوگىيەلەر بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈشى ۋە بۇ ساھەنى ياش ئەۋلادلار ئۈچۈن تېخىمۇ جەلپ قىلارلىق ھالەتكە كەلتۈرۈش يۆنىلىشىدىكى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئىران ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى قوللىغان كارخانىلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
بۇرھانەتتىن دۇران: مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر ئۆز بايانلىرىنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئېلىشى كېرەك
خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سانائەت سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
تېھران ئامېرىكاغا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا دائىر تەكلىپلىرىنى سۇندى
مالى مۇداپىئە مىنىستىرى ئەلقائىدە بىلەن ئالاقىسى بار تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى نېتانياھۇغا قارشى بىرلەشمەكتە
ئەردوغان كەچلىك زىياپەتتىكى ھۇجۇمدىن كېيىن ترامپقا ئۇچۇر يوللىدى
ئامېرىكانىڭ «زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى» گە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۈچ كىشى ئۆلدى
كىم جوڭئۇن رۇسىيەنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا لىۋانغا ھۇجۇم قىلىپ 14 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
خاقان فىدان ئامېرىكا -ئىران سۆھبەتلىرىنى ئىرانلىق ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن مۇزاكىرىلەشتى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن پاكىستانغا قايتا بارىدۇ
ترامپ «يۇقىرى پارتلاش ئاۋازلىرى» بىخەتەرلىك سىگنالى پەيدا قىلغاندىن كېيىن تارقاقلاشتۇرۇلدى
ترامپ قوراللىق ھۇجۇمنىڭ ئىران ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشىنى «توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا يەرلىك سايلامدا چۈشكەن بېلەتلەرنى ساناش باشلاندى