خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ھەربىي سانائىتىنى نىشان قىلغان يېڭى ئېمبارگو قارارلىرىنى ماقۇللىدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ھەربىي سانائىتىگە قارىتىلغان 1600 گە يېقىن يېڭى ئېمبارگو قارارىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە خىمىيەلىك قوراللارغا مۇناسىۋەتلىك ئېمبارگو مۇددىتىنى ئۇزارتتى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ھەربىي سانائىتىنى نىشان قىلغان يېڭى ئېمبارگو قارارلىرىنى ماقۇللىدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ھەربىي سانائىتىنى نىشان قىلغان يېڭى ئېمبارگو قارارلىرىنى ماقۇللىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى خىمىيەلىك قوراللارنىڭ كېڭىيىشى ۋە ئىشلىتىلىشىنى نىشان قىلغان ئېمبارگونىڭ مۇددىتىنى 2031-يىلى 30-ئۆكتەبىرگىچە بەش يىل ئۇزارتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسەت ۋە خەۋپسىزلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالىي ۋەكىلى كايا كاللاس دۈشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ھەربىي سانائەت گۇرۇھىنى نىشان قىلغان 1600 گە يېقىن يېڭى ئېمبارگو قارارىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

كايا كاللاس ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ قەدەمنى رۇسىيە 2022-يىلى فېۋرالدا ئۇكرائىنادا باشلىغان ئۇرۇشتىن بۇيانقى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېمبارگو تىزىملىكىدىكى «ئەڭ كەڭ كۆلەملىك كېڭىيىش» دەپ ناتىدى.

كاللاس: «بۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىز رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنالىقلارنى قىرغىن قىلىشتا ئىشلىتىدىغان قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىشىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە قىيىنلاشتۇرۇۋاتىمىز، ئاستىلىتىۋاتىمىز ۋە تەننەرخىنى ئۆستۈرۈۋاتىمىز» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى يەنە شەخسىي ئېمبارگو قارارلىرىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتىنى  2027-يىلى 30-ئۆكتەبىرگىچە بىر يىل ئۇزارتتى.

بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، چەكلىمە تەدبىرلىرى نۆۋەتتە 31 كىشى ۋە 6 ئورگاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئېمبارگو تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان كىشى ۋە ئورگانلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرى توڭلىتىلدى، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالىرى ۋە شىركەتلىرىنىڭ ئۇلارنى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك يوسۇندا مەبلەغ ۋە ئىقتىسادىي مەنبە بىلەن تەمىنلىشى مەنئىي قىلىندى. تىزىملىكتىكى كىشىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشىمۇ چەكلەندى.

ئىزدىنىڭ
كرېمىل: «پۇتىن ئىراننىڭ ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ترامپقا يەتكۈزدى»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ناۋى پىللايغا بېرىلدى
ناتونىڭ يىللىق يادرو قوراللىرىنى توسۇش مانېۋىرى 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىساياس بوران-چاپقۇنى سەۋەبىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى
مېكسىكادىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 10 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى دېڭىز يولى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە