جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنىڭ ياپونىيە دېڭىزى يۆنىلىشىگە قاراپ كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
جەنۇبىي كورېيە باش ئىشتاب باشلىقلىرى مەھكىمىسى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئارمىيەمىز، سائەت 09:20 ئەتراپىدا پيوڭياڭ رايونىدىن شەرق دېڭىزىغا قاراپ ئېتىلغان كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى بايقىدى» دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن بەردى.
باياناتتا يەنە، «ئارمىيەمىز، ئېھتىماللىقى بولغان قوشۇمچە قويۇپ بېرىشلەرگە قارشى كۆزىتىش ۋە ھوشيارلىق ھالىتىنى كۈچەيتتى» دېيىلدى.
مەزكۇر قويۇپ بېرىش ھەرىكىتى، پيوڭياڭنىڭ بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بىر باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلغاندىن كېيىن يۈز بەردى.
شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئاكتىپلىقى بىلەن بىلىنىدىغان سىڭلىسى كىم يوجوڭ ئۇ مەزگىلدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، 3-ئۆكتەبىردە ئېتىلغان بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ «تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇش لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە بومبىغا سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسى سىەپلەنگەن» لىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
1953-يىلىدىكى ئۇرۇش توختىتىشتىن بۇيان بىر بىتەرەپ رايون فۇنكسىيەسىنى ئۆتەۋاتقان قورالسىزلاندۇرۇلغان رايون (DMZ) نىڭ سېئۇل كونتروللۇقىدىكى قىسمىدا، ئىككى پىيادىلەر مىناسىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ئۈچ جەنۇبىي كورېيەلىك ئەسكەر يارىلاندى. ئىككى كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك تېخىمۇ كۈچەيگەن ئەھۋالدا.
سېئۇل ۋە ب د ت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئورتاق بىر تەكشۈرۈشتە، قۇرۇقلۇق مىنالىرىنىڭ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بۇرۇن شىمالىي كورېيە تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. پيوڭياڭ ھۆكۈمىتى بولسا بۇ دەۋانى قاتتىق تىل بىلەن رەت قىلغان ئىدى.





















