ئىستانبۇل ۋالىي مەھكىمىسى مارمارا دېڭىزىدىكى سىلىۋرى رايونى دېڭىز ساھىللىرى ئىككى سودا پاراخوتىنىڭ سوقۇلۇپ كەتكەنلىكىنى، ھازىرغىچە 10 خادىمنىڭ ئىز-دېرىكىنىڭ يوقلۇقىنى جاكارلىدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قوجائەلىدىن ئالىئاغاغا كېتىۋاتقان «ALSU» ناملىق پاراخوت بىلەن ئىسكەندەرۇن پورتىدىن ئەرەغلىغا كېتىۋاتقان «تۇغبەرك ئىمامئوغلۇ» ناملىق سودا پاراخوتى چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 03:00 ئەتراپىدا سوقۇلۇپ كەتكەن.
تەۋسىيە
ۋەقەدىن كېيىن ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى ۋە بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان دەرھال رايونغا ئەۋەتىلگەن. ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ALSU» پاراخوتىدا ئېغىر زىيان كۆرۈلمىگەن، ئەمما «تۇغبەرك ئىمامئوغلۇ» پاراخوتى ۋە ئۇنىڭدىكى 10 خادىم بىلەن تېخىچە ئالاقە ئورناتقىلى بولمىغان. نۆۋەتتە رايوندا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمىتى جىددىي داۋاملاشماقتا.























