تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك، گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى يورگوس فىلورىدىس بىلەن ۋىدېيو يىغىنى ئۆتكۈزدى. مىنىستىر گۈرلەك ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى NSosyal سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۆھبەتنىڭ ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى ۋە ئەدلىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۆزدىن كەچۈرگەبنلىكلىرىنى بىلدۈردى.
ئۇلار سۆھبەتتە ئەدلىيە ساھەسىدىكى ياردەملىشىش، چېگرا ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتلەرگە قارشى كۈرەش ۋە جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. گۈرلەك جىنايەتچىلەرنىڭ قەيەرگە قېچىشىدىن قەتئىينەزەر ئادالەت ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىشىدا قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، گىرېتسىيەدە پاناھلىنىۋاتقان تۈرلۈك جىنايى گۇرۇھ كاتتىباشلىرىنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئىككى مىنىستىر ئۆزئارا ئىشەنچ ئاساسىدا ئەدلىيە ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرۈشكە پۈتۈشتى.























