ىرېتسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ سابىق قوماندانى كونستانتىنوس زىئازىياس، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە ھەمكارلىقىنىڭ ئەنقەرەنىڭ رايوندىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. زىئازىياسنىڭ قارىشىچە، بۇ ھەمكارلىق تۈركىيەنىڭ ناتو تەجرىبىسىنى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى ۋە پاكىستاننىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى بىر يەرگە جەم قىلغان.
ئۇ تۈركىيەنىڭ ئاقدېڭىزدىن پارىس قولتۇقى ۋە ھىندى ئوكيانغىچە سوزۇلغان كەڭ بىر ئىستراتېگىيەلىك تور قۇرغانلىقىنى، بۇنىڭ گىرېتسىيەنىڭ رايونلۇق پىلانلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. زىئازىياس يەنە، ئەنقەرە بىلەن رىياد ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىشىشنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پىلانلىرىغا توسالغۇ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئاتىنانىڭ تۈركىيە شەكىللەندۈرگەن بۇ يېڭى تەڭپۇڭلۇققا قارىتا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.























