تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن بارغان قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى. پۇتىن سۆھبەتتە تۈركىيەنىڭ مۇھىم شېرىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ تۇنجى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ مۇشۇ يىل ئىچىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا، ئالدىنقى يىلى 7 مىليونغا يېقىن رۇسىيەلىك ساياھەتچىنىڭ تۈركىيەنى زىيارەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەر بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ ئانتالياغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى رۇسىيەدىن كېلىدۇ» دېدى. ئۇ يەنە ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى، يېزا ئىگىلىك ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈچلۈكلىكىنى تەكىتلىدى.























