مەدەنىيەت
2 مىنۇت ئوقۇش
TRT World مۇنبىرى باشلاندى: ئىستانبۇلدا يەرشارى سىستېمىسىنىڭ كەلگۈسى مۇزاكىرە قىلىنماقتا
بۇ يىل 10 - يىلىنى كۈتۈۋالغان «TRT World مۇنبىرى» ئىستانبۇلدا رەسمىي باشلاندى. بۇ قېتىملىق مۇنبەرنىڭ ئاساسىي تېمىسى «مەركەزسىز دۇنيا: قائىدىلەر فۇنكىسيەسىنى يوقاتقاندا كىم يېتەكچىلىك قىلىدۇ؟» قىلىپ بېكىتىلدى.
TRT World مۇنبىرى باشلاندى: ئىستانبۇلدا يەرشارى سىستېمىسىنىڭ كەلگۈسى مۇزاكىرە قىلىنماقتا
Turkish president says regional developments show system has raised 'white flag of surrender.' /Photo: AA

2017- يىلىدىن باشلاپ تۈركىيە رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (TRT) تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن زاتلارنى بىر يەرگە جەم قىلغان بۇ مۇنبەر، يەرشارى خاراكتېرلىك سۆھبەتلەرگە ئىزچىل تۈردە ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇپ كەلمەكتە.

ئىستانبۇل قۇرۇلتاي مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەمدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ ئىشتىراك قىلغان بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەردە؛ ئاكادېمىكلار، ژۇرنالىستلار، تەنھەرىكەتچىلەر، سەنئەتكارلار، سىياسەتچىلەر شۇنداقلا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى جەم بولۇپ، دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.

مۇنبەرنىڭ تۇنجى كۈنىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران ۋە TRT باش مۇدىرى مەھمەت زاھىت سوباجى قاتارلىقلار ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەيدۇ.

شۇنداقلا، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز «تۈركىيە: رايونلۇق كۈچتىن رايون ھالقىغان تەسىر كۈچكە يۈكسىلىش» تېمىسىدىكى ئوچۇق يىغىندا؛ مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ (MİT) باشلىقى ئىبراھىم قالىن بولسا، «خەلقئارا قانۇن بىلەن ئىنسانىي كىرىزىس كېسىشكەن نۇقتىدىكى غەززە» تېمىسىدىكى ئوچۇق يىغىندا سۆز قىلىدۇ.

نەچچە يىللاردىن بۇيان خەلقئارا كۈنتەرتىپتىكى قىزىق نۇقتىلارغا دائىر كۆپ خىل قاراشلارنى بىر سۇپىغا سىغدۇرۇپ كەلگەن «TRT World  مۇنبىرى»، ئۆزىنىڭ 10 - يىلىدىمۇ دۇنيادىكى ئۆزگىرىۋاتقان كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ۋە يېتەكچىلىك ئۇقۇملىرىنى نۇقتىلىق تېما سۈپىتىدە مۇزاكىرە قىلماقتا.

ئۆتكەن 10 يىل جەريانىدا جەمئىي 86 قېتىم ئوچۇق، 76 قېتىم يېپىق يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 801 نەپەر نۇتۇق سۆزلىگۈچى بىلەن مىڭلىغان قاتناشقۇچىنى ئۇچراشتۇرغان بۇ سۇپا — پەرقلىق كۆز قاراشلار ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى ئورتاقلىشىشتا ئىنتايىن ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

يەرشارىۋى ۋە رايون خاراكتېرلىك مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بۇ يىللىق يىغىندا؛ سۈنئىي ئەقىل، ئېنېرگىيە كىرىزىسلىرى، خەلقئارا قانۇن ۋە ئىقتىساد ساھەسىگە ئائىت تېمىلار ئاساسلىق كۈنتەرتىپتىن ئورۇن ئالدى.

مۇنبەردە بۇ يىل تۆۋەندىكى تېمىلار بويىچە ئوچۇق يىغىنلار ئۆتكۈزۈلىدۇ:

«تۈركىيە: رايونلۇق كۈچتىن رايون ھالقىغان تەسىر كۈچكە يۈكسىلىش»، «يۇقىرى خەۋپ-خەتەرلىك دىپلوماتىيەنىڭ قايتىپ كېلىشى: ئوتتۇرا دەرىجىلىك كۈچلەر ۋە شەكىللىنىۋاتقان كۆپ قۇتۇپلۇق تەرتىپ»، «خەلقئارا سىستېمىدىكى ئامېرىكا زىددىيىتى»، «قىيىن ئەسلىگە كېلىش مۇساپىسى: ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇشتىن كېيىنكى مىللىي ئىقتىسادلار»، «خەلقئارا قانۇن بىلەن ئىنسانىي كىرىزىس كېسىشكەن نۇقتىدىكى غەززە»، «ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنىڭ يېڭى گېئوپولىتىكىسى: دېڭىز يوللىرى، تار ئۆتكەللەر ۋە كارىدورلار»، «ئالگورىزىم دەۋرىدە تىزگىن كىمنىڭ قولىدا؟ شىركەتلەر، دۆلەتلەر ۋە پۇقرالار»، «ئېنېرگىيە كىرىزىسلىرىنىڭ كېيىنكى ئاقىۋەتلىرى: بېسىم ئاستىدا قالغان ئورگانلار» ۋە «سۈنئىي ئەقىل دەۋرىدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ۋە باشقۇرۇش»

بۇنىڭدىن سىرت، ساھە مۇتەخەسسىسلىرى قاتنىشىدىغان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنلىرىدىمۇ نۇرغۇن تېمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. جۈملىدىن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدىن تارتىپ ياۋرو-ئاسىيانىڭ قايتىدىن شەكىللىنىشىگىچە، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن تارتىپ ئافرىقىدىكى دىپلوماتىيە ۋە گېئوئىقتىساد ۋەزىيىتىگىچە بولغان كۆپلىگەن سەزگۈر مەسىلىلەر چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپالىق ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر بىريۇسسېلدا خامچوت قىسقارتىشقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
كىرېمىل: پۇتىن، ترامپ ۋە شى ئوتتۇرىسىدا كۆرۈشۈش تەييارلىقى داۋاملاشماقتا
تېھراندىكى ئىنقىلاب مەيدانىغا ترامپنى قەستلەش نىشان قىلىنغان پىلاكات ئېسىلدى
رۇسىيە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى خىزمىتىگە قاتنىشىشقا يېشىل چىراغ ياقتى
شىمالىي كورېيە «باينەنس»تىكى ئوغرىلىققا چېتىشلىقى بار دېگەن ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكا يەنە ھۇجۇم قىلسا، ئۇرۇش پەقەت غەربىي ئاسىيا بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراننىڭ قەشم ئارىلىغا «چەكلىك» زەربە بەردى
ئامېرىكا ئەبۇزەبىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبىتىگە مۇرەسسەچىلىك قىلىدۇ
بېلەت تاشلاش باشلاندى: نەتىجە ترامپنىڭ قالغان ئىككى يىللىق ۋەزىپە مۇددىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ
رۇسىيە: ئىرانغا قارىتىلغان يېڭى ھەربىي ھۇجۇم پىلانلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر قاتتىق ئەندىشە قوزغىماقتا
كارنېي بىلەن ترامپ ئىككى دۆلەتنىڭ سودا مۇناسىۋىتى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى
كېرېمىل سارىيى: زېلېنىسكىي تېلېفون قىلسا، پۇتىن جاۋاب بېرىدۇ
تەيۋەن: خىتاي ھەربىي ئايروپىلانلىرى ئارال ئەتراپىدا 19 قېتىم ئۇچتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جەنۇبىي كورېيەگە يېتىپ باردى
ئامېرىكا پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى 4-نويابىردا ئىرانغا قىلىنىدىغان ھۇجۇملار ھەققىدە ئاگاھلاندۇردىمۇ؟