«2026-يىللىق ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى» (TRT World Forum 2026) دائىرىسىدە، «تۈركىيە: رايون خاراكتېرلىك كۈچتىن رايونلار ئارا كۈچكە» تېمىلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ت ر ت ۋورلد (TRT World) قانىلىدىن ئەلىجان ئايانلار رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا، مالايشىيا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئەھمەد زاھىد ھەمىدى، ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) نىڭ تىنچلىق ساقلاش ھەرىكەتلىرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى ژان پيېر لاكرۇئا (Jean-Pierre Lacroix)، ئامېرىكا ئەرەب مەركىزى رەئىسى فاراھ ئەلئاتاسى، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى ۋەخپى (SETA) نىڭ تاشقى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك تەتقىقاتلىرى دىرېكتورى مۇرات يېشىلتاش ھەمدە ئاتلانتىك كېڭىشى (Atlantic Council) نىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى رىچ ئائۇتزېن (Rich Outzen) لار سۆز قىلىغۈچى سۈپىتىدە قاتناشتى.ئامېرىكا ئەرەب مەركىزى رەئىسى ئاتاسى تۈركىيەنىڭ ئۆزىنىڭ دىپلوماتىك تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكانىڭ سۈرىيەگە يۈرگۈزگەن ئېمبارگولىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭ سۈرىيەنىڭ خەلقئارا بانكا سىستېمىسىغا قايتىدىن كىرىشىگە شۇنداقلا مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىسادىي پۇرسەتلەرنىڭ ئېچىلىشىغا يول ئاچقانلىقىنى ئېيتتى.ئۇ تۈركىيەنىڭ سۆھبەت ۋە ئۆزئارائالاقىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سۈرىيە ئازاد قىلىنغاندىن بۇيان، تۈركىيە-سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرىدە زور بۇرۇلۇش بولدى. بىز ئەمدى مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئۆتمۈشتىكى سىياسىي ۋە خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىي، مەبلەغ سېلىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتلەر ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرىمىز.»ئەرەب دۇنياسىنىڭ تۈركىيەنى «ئىشەنچلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك شېرىك» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئاتاسى، تۈركىيەنىڭ رايون دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى قەيت قىلدى.ئۇ تۈركىيە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللىشىشىغا ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مىليون دوللارلىقتىن كۆپ سودا كېلىشىملىرىنىڭ ئىمزالانغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت تارتتى ھەمدە يېقىندا ئىمزالانغان «مەككە كېلىشىمى» نىڭمۇ رايون نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.ۋاشىنگتوننىڭ «كۈتۈپ تۇرۇش، كۆرۈش» پوزىتسىيەسىئاتلانتىك كېڭىشىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ئائۇتزېن دۇنيادىكى مەسىلىلەرنىڭ بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ھېچقانداق دۆلەتنىڭ خەلقئارالىق تۈزۈمگە يالغۇز ئۆزى يېتەكچىلىك قىلالمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.ئۇ ئامېرىكانىڭ ئۆزىنىڭ دۇنياۋى رەھبەرلىكىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلىرىغا موھتاج ئىكەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ ناتو ئىتتىپاقداشلىقىدىن ھالقىغان دىپلوماتىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى، توقۇنۇشۇۋاتقان ئوخشىمىغان تەرەپلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ ئامېرىكا دىپلوماتىيەسىگىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.ئۇ ۋاشىنگتوننىڭ يېڭى رايون خاراكتېرلىك خەۋپسىزلىك تەشەببۇسلىرىغا قارىتا «كۈتۈپ تۇرۇش، كۆرۈش» پوزىتسىيەسىنى تۇتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەگەر بۇ ئامېرىكانىڭ خەۋپسىزلىك مەنپەئەتلىرىنى تولۇقلىسا ۋە رايون دۆلەتلىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلسا، ئىجابىي كۈتۈۋېلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.لىۋاندىكى ب د ت ھەربىي كۈچلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرى ئاخىرلىشىشنىڭ خەۋپ-خەتەرلىرىب د ت نىڭ تىنچلىق ساقلاش ھەرىكەتلىرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى لاكرۇئا، تۈركىيەنىڭ بولۇپمۇ قارا دېڭىز رايونىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتىكى تۆھپىلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ب د ت ئۈچۈن ئىشەنچلىك شېرىك ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.ئۇ لىۋاندىكى ب د ت قىسمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە خەۋپسىزلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك خەۋپ-خەتەرلىرىنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا دىققەت تارتىپ، بۇنداق ئەھۋالدا رايوندا لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى «كۆك سىزىق» بويىچە يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەرنى كۆزىتىپ دوكلات قىلىدىغان ھېچقانداق خەلقئارالىق مېخانىزم قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.ئۇ لىۋاندىكى ب د ت مەۋجۇتلۇقىنىڭ مەلۇم شەكىلدە داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق شېرىكلەرنىڭ لىۋانغا ئىنسانپەرۋەرلىك، مالىيە ۋە خەۋپسىزلىك جەھەتلەردە ياردەم بېرىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرسەتتى.رايون خەۋپسىزلىكىسىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى ۋەخپى (SETA) نىڭ تاشقى سىياسەت ۋە خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرېكتورى يېشىلتاش، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇجىمەللىكلەر بىلەن بىرگە، ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭمۇ رايون خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ رايون دۆلەتلىرىنى مۇداپىئە خاراكتېرلىك بىر ئىتتىپاق قۇرۇشقا ئۈندىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە پاكىستاندىن تەشكىل تاپقان «مەككە ئىتتىپاقى» نىڭ ھېچقانداق بىر دۆلەتنى نىشان قىلمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن يېشىلتاش، بۇ ئىتتىپاقنىڭ قانداق ئىستراتېگىيەلىك تەھدىتنى توسۇش كۈچى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىغا باھا بېرىش ئۈچۈن تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭغا ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.تۈركىيە-مالايشىيا ھەمكارلىقىمالايشىيا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ھەمىدى مالايشىيا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن ھەمكارلىقنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ شېرىكلىكنىڭ پەقەت سودا بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ئۇچۇر ۋە تېخنىكا ئالماشتۇرۇش، شۇنداقلا مائارىپ ۋە دىپلوماتىيە ساھەلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.ئۇ سۆزىدە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىغا دىققەت تارتىپ، چوڭ كۈچلەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى (ASEAN) ئەزا دۆلەتلىرى ئۈستىدىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى تىلغا ئالدى.