تۈركىيە
4 مىنۇت ئوقۇش
«خەلقئارا تۈزۈمدىكى ئامېرىكا پارادوكسى» مۇزاكىرە قىلىندى
ئىستانبۇلدا بۇ يىل 10-قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن «2026-يىللىق ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى» دائىرىسىدە، «خەلقئارا سىستېمىدىكى ئامېرىكا پارادوكسى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى.
«خەلقئارا تۈزۈمدىكى ئامېرىكا پارادوكسى» مۇزاكىرە قىلىندى
2026-يىللىق ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى

«2026-يىللىق ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى» (TRT World Forum 2026) دە، ئامېرىكادىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام نەتىجىلىرىنىڭ تاشقى سىياسەتكە بولغان تەسىرى، يەر شارى خاراكتېرلىك رەھبەرلىك مۇنازىرەلىرى، ئاتلانتىك ئوكيان مۇناسىۋەتلىرى شۇنداقلا ۋاشىنگتوننىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى ۋە رەقىبلىرىگە قاراتقان ئىستراتېگىيەلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

ئاندرېئا سانكې (Andrea Sanke) رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ يىغىندا، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى خەۋپسىزلىك ۋە تاشقى سىياسەتلەر كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چاغرى ئەركان، خەلقئارا كىرىزىس گۇرۇپپىسى مەسلىھەتچىسى ئەلى ۋاين (Ali Wyne)، ئاتېنا لەب (AthenaLab) خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى دىيېگو سازو (Diego Sazo)، لوندون ئىقتىساد مەكتىپى ((LSE Phelan نىڭ ئامېرىكادىكى مەركىزىنىڭ مۇدىرى پېتېر ترۇبوۋىتز (Peter Trubowitz) ۋە ياۋروپا سىياسەتلىرى تەھلىل مەركىزى (CEPA) نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسى شارون خۇدسون-دىن (Sharon Hudson-Dean) لار سۆز قىلدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى خەۋپسىزلىك ۋە تاشقى سىياسەتلەر كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چاغرى ئەركان ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ج.د. ۋەنسنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام نەتىجىلىرىگە باھا بەرگەندە، نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەتنىڭ مەغلۇبىيىتىگە كۆرسەتكەن تۆت تۈپ سەۋەبتىن ئىككىسىنىڭ «ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش» ۋە «ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەت» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ب د ت سىستېمىسىنىڭ ئامېرىكا رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەركان، شۇ سەۋەبتىن سىستېمىنى ئىسلاھ قىلىشتا ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى چۈشەندۈردى. ئۇ: «تۈركىيە ئادىل ۋە تىنچ دۇنيا تەرتىپىگە تۆھپە قوشىدىغان بارلىق تەشەببۇسلارنى كۈچلۈك رەۋىشتە قوللايدۇ» دېدى.

ئامېرىكادا كەلگۈسى ئىككى يىلنىڭ كېيىنكى قېتىملىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا تەييارلىق باسقۇچى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئەركان، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئىچىدە ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام نەتىجىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنىڭ كەسكىن مۇنازىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ۋەنسنىڭ باھالىشىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان ئىران سىياسىتى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ئۆزگىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ كەلگۈسى ئىككى يىلدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئىچكى سىياسىي ھېسابلىرى ئاساسىدا شەكىللىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يەنە قايتىدىن «ئۇرۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش» ۋە «يېڭى ئۇرۇشلارنى قوزغىماسلىق» شوئارىغا قايتىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئەركان مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ كېيىنكى ئىككى يىلى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ بۇ نەتىجىلەرنى ئۆزگەرتىش ئۈمىدى بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ دەپ قارايمەن.»

«ئامېرىكا لاتىن ئامېرىكاسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ‹مەسىلىلەرگە تولغان› دەپ قارايدۇ»

ئاتېنا لەب خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى دىيېگو سازو يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۆزگەرگەنلىكىنى، ئەمما ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ كونگرەدىن بەكرەك ئىچكى سىياسەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ «ئۆتكەن ئىككى يىلدا تۇتقان تاجاۋۇزكار پوزىتسىيەسى» نىڭ داۋاملىشىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان سازو، ئامېرىكانىڭ لاتىن ئامېرىكاسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە كۆپ تەرەپلىك مېخانىزملارنىڭ ئورنىغا، ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپرەك مەنپەئەتكە تايانغان ئۇسۇلنى تاللىغانلىقىنى بايان قىلدى.

سازو ئامېرىكانىڭ بولۇپمۇ ۋېنېزۇئېلا، ئېنېرگىيە كېلىشىملىرى ۋە تەشكىللىك جىنايەتلەرگە قارشى كۈرەش قاتارلىق ساھەلەردىكى بېسىمىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ: «ئامېرىكا رايوندىكى خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى تۈپەيلىدىن، لاتىن ئامېرىكاسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ‹مەسىلىلەرگە تولغان› مۇناسىۋەت دەپ قارايدۇ» دېدى.

بىرازىلىيە ۋە مېكسىكانىڭ ئامېرىكانىڭ مەزكۇر پوزىتسىيەسىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن سازو: «بۇ ئەھۋال رايوننىڭ ھازىرغىچە ئورتاق نىشانلاردىن بەكرەك، سىياسىي يېقىنلىقلار ئاساسىدا پىكىر بىرلىكىگە كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەنلەرنى بايان قىلدى.

ئامېرىكا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىنىڭ نەتىجىسى، ترامپقا بولغان نارازىلىقتۇر

لوندون ئىقتىساد مەكتىپىنىڭ ئامېرىكادىكى مەركىزىنىڭ مۇدىرى پېتېر ترۇبوۋىتز ئامېرىكادا «لىبېرال خەلقئارا تەرتىپ» كە بېرىلگەن قوللاشنىڭ سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن بۇيان ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى، 2008-يىلدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ بۇ مۇساپىنى تېزلەتكەنلىكىنى ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭمۇ بۇ يۈزلىنىشتىن پايدىلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكادىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام نەتىجىلىرىنى ترامپنىڭ سىياسەتلىرىگە قارىتىلغان كۈچلۈك نارازىلىق دەپ باھالىغان ترۇبوۋىتز، سايلىغۇچىلارنىڭ بولۇپمۇ قوغدىنىش خاراكتېرلىك سودا سىياسەتلىرىگە، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقتىن يىراقلىشىشقا ۋە ناتونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە قارشى رەددىيە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ سايلام نەتىجىلىرىدىن كېيىن، ترامپقا تاشقى سىياسەت مەسىلىلىرىدە بېسىم ئىشلىتەلەيدىغان ئورۇنغا كەلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، بولۇپمۇ ئۇكرائىنانى قوللاشنىڭ پارلامېنتتا كۈچلۈك تىرەك تاپقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئامېرىكا-ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرى

ياۋروپا سىياسەتلىرى تەھلىل مەركىزى (CEPA) نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسى شارون خۇدسون-دىنمۇ ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئامېرىكا-ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، لېكىن مۇناسىۋەتلەرنىڭ قايتىدىن مۇقىملىشىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا بولغان بېقىندىلىقىنى ئازايتىش مەقسىتىدە ئىستراتېگىيەلەرنى تۈزگەنلىكىنى كۆرسەتكەن خۇدسون-دىن، ناتو ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھەربىي چىقىملىرىنى ئاشۇرغانلىقىنى، لېكىن مۇداپىئە سانائىتى ئىقتىدارىنىمۇ تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە يانۋار (2027) دا ئىش باشلايدىغان يېڭى كونگرە بىلەن بىرلىكتە ئۇكرائىناغا قىلىنىدىغان ياردەملەرنىڭ ئاشۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەلقئارا كىرىزىس گۇرۇپپىسى مەسلىھەتچىسى ئەلى ۋاين ترامپنىڭ خىتايغا يۇقىرى تاموژنا بېجى تەتبىقلاش ئارقىلىق بېيجىڭنى سودا سۆھبەتلىرىدە يول قويۇشقا مەجبۇرلىغىلى بولىدۇ دەپ قارىغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ بۇ بېسىملارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا سەل قارىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. خىتاينىڭ سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرى ئېكسپورتىغا قويغان چەكلىمىلىرى بىلەن ئامېرىكا ئىقتىسادىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىغا دىققەت تارتىپ، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزىنى دۇنيا تارىخىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە دەپ قارىشىنىڭ ۋاشىنگتون نۇقتىسىدىن بىر روھىي جەھەتتىكى رىقابەت سۈپىتىدە كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئىزدىنىڭ
سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئاتىسى گېئوففرېي ھىنتون: ئەسلا تەرەققىي قىلدۇرۇلمىغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى
ئىران پارلامېنت باشلىقى: ئامېرىكا خەلقى ئۇرۇشقا ياق دېدى، بىز بۇ ئۇچۇرنى قوللايمىز
2026-يىللىق ئامېرىكا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى: دېموكراتلار كېڭەش پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىدى
ياۋروپالىق ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر بىريۇسسېلدا خامچوت قىسقارتىشقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
كىرېمىل: پۇتىن، ترامپ ۋە شى ئوتتۇرىسىدا كۆرۈشۈش تەييارلىقى داۋاملاشماقتا
تېھراندىكى ئىنقىلاب مەيدانىغا ترامپنى قەستلەش نىشان قىلىنغان پىلاكات ئېسىلدى
رۇسىيە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى خىزمىتىگە قاتنىشىشقا يېشىل چىراغ ياقتى
شىمالىي كورېيە «باينەنس»تىكى ئوغرىلىققا چېتىشلىقى بار دېگەن ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكا يەنە ھۇجۇم قىلسا، ئۇرۇش پەقەت غەربىي ئاسىيا بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراننىڭ قەشم ئارىلىغا «چەكلىك» زەربە بەردى
ئامېرىكا ئەبۇزەبىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبىتىگە مۇرەسسەچىلىك قىلىدۇ
بېلەت تاشلاش باشلاندى: نەتىجە ترامپنىڭ قالغان ئىككى يىللىق ۋەزىپە مۇددىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ
رۇسىيە: ئىرانغا قارىتىلغان يېڭى ھەربىي ھۇجۇم پىلانلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر قاتتىق ئەندىشە قوزغىماقتا
كارنېي بىلەن ترامپ ئىككى دۆلەتنىڭ سودا مۇناسىۋىتى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى
كېرېمىل سارىيى: زېلېنىسكىي تېلېفون قىلسا، پۇتىن جاۋاب بېرىدۇ