سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئەيىبلىدى
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىككى جامەگە ئوت قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئەيىبلىدى.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئەيىبلىدى
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئەيىبلىدى / Anadolu Agency

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئىككى جامەگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، ئىسرائىلىيەنى مەسئۇللارنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىردى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى يېزا-بازارلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر باياناتتا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىككى جامەگە ئوت قويۇپ بېرىلگەن ئەڭ يېڭى ھۇجۇملارنى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان قۇتراتقۇلۇق ھەرىكىتى ۋە ئاشقۇنلۇقنىڭ ئىپادىسى دەپ ئاتىدى.

مىنىستىرلىق يەنە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ تەكرارلىنىپ تۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىدىن بارلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. مىنىستىرلىق ئىسرائىلىيەنىڭ زوراۋانلىقنى ئوچۇق-ئاشكارا ئەيىبلىشى ۋە مەسئۇللارنى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنداق قىلماسلىقنىڭ ئۆچمەنلىك، ئىرقچىلىق ۋە مۇقىمسىزلىقنى ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىدىغان يوشۇرۇن ماقۇللاش مەنىسىنى بىلدۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىنى جانلاندۇرۇش، ئادىل ۋە ئەتراپلىق تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەمدە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىگە تەھدىت سالىدىغان قانۇنسىز قىلمىشلارغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارنى قوللاش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

جامەلەر ۋە پۇقرالار ئايرىم ھۇجۇملاردا نىشان قىلىندى

پەلەستىن دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن تەرەپلەردە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلىپ بارغان ئايرىم ھۇجۇملىرىدا، بىرى تۇلكەرەمنىڭ جەنۇبىدىكى كۇر يېزىسىدا، يەنە بىرى بولسا نابلۇسنىڭ جەنۇبىدىكى قۇسرا يېزىسىدا سېلىنىۋاتقان ئىككى جامەگە ئوت قويۇپ بەرگەن.

پەلەستىن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋافا (Wafa) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قانۇنسىز كۆچمەنلەر كۇر يېزىسىغا بېسىپ كىرىپ جامەگە ئوت قويۇپ بەرگەن ھەمدە بىنادىن باشقا ئىچكى قىسىملىرىغىمۇ قىسمەن زىيان سالغان.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇنىڭدىن كېيىن نابلۇس ۋە ئەتراپىدىكى يېزا-بازارلارنى قامال قىلدى، كۆپلىگەن كىشىلەرنى قولغا ئېلىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ باردى ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پەلەستىننىڭ رەسمىي ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ۋە كۆچمەنلەر ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا كەم دېگەندە 1182 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەن، مىڭلىغان كىشىنى يارىلاندۇرغان ۋە تەخمىنەن 24 مىڭ كىشىنى قولغا ئالغان.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى