سۈنئىي ئەقىل ساھەسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق باشلامچىلىرىدىن بىرى بولغان ئالىم گېئوففرېي ھىنتون ئىنسانىيەت بۇ تېخنىكىنى ئەسلا تەرەققىي قىلدۇرمىغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ كەلگۈسىدە سۈنئىي ئەقىل كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بولغان كىرىزىسلارنى چېرنوبىل يادرو ئاپىتىگە ئوخشاتتى ۋە «گاردىيان» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، ئېلېكتىر يەتكۈزۈش لىنىيەلىرى ياكى پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى بىر ھەپتە پۈتۈنلەي ئىشتىن توختىتىپ قويىدىغان دەرىجىدە تور ھۇجۇملىرىنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە ئىنسانىيەتنىڭ بۇ تېخنىكا ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپلەرنى كونترول قىلالايدىغان ياكى قىلالمايدىغانلىقىنىڭ كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە ئايدىڭلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەگەر ئىنسانلار بۇنىڭغا قادىر بولالمىغان تەقدىردە، جەمئىيەتتە كەڭ كۆلەملىك ئىشسىزلىق پەيدا بولىدىكەن ۋە چوڭقۇر ئىجتىمائىي بۆلۈنۈشلەر كېلىپ چىقىدىكەن.
ھىنتون تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنى ئەيىبلىدى
ھىنتون بۇ ساھەدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىمۇ تەنقىد قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ تېخنىكىنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپلىرىگە ئېغىر سەل قاراۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ ھەر قانداق بىر سۈنئىي ئەقىل مودېلىنىڭ بازارغا سېلىنىشىدىن ئىلگىرى، خۇددى دورىگەرلىك ساھەسىدىكىگە ئوخشاشلا، مۇستەقىل ئورگانلار تەرىپىدىن ناھايىتى قاتتىق سىناقتىن ۋە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلدى.





















