ئامېرىكانىڭ رايوندىكى كېمىلەرنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكىلەرنى بىۋاسىتە نىشانغا ئېلىشى خەلقئارا جامائەتچىلىكتە «سوتسىز ئۆلتۈرۈش» مۇنازىرىلىرىنى قوزغىماقتا.
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارايىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر كېمىنى ئوققا تۇتتى، ھۇجۇمدا 4 كىشى ھاياتدىن ئايرىلدى.
ئامېرىكا جەنۇبىي رايون قوماندانلىق ئىشتابى (SOUTHCOM) نىڭ X ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ھېسابىدا، ئارمىيەنىڭ غەربىي يېرىم شاردا قارا گورۇھلارغا قارشى ھۇجۇملىرىغا ئائىت بايانات ئېلان قىلىندى.
باياناتتا، ئىستخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئامېرىكا جەنۇبىي رايون قوماندانلىق ئىشتابى قوماندانى گېنېرال فرانسىس ل. دوناۋاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن «كارايىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى» گۇمانى بىلەن بىر كېمىگە ھۇجۇم قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھۇجۇمدا 4 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «زەھەرلىك چېكىملىك تېررورلۇق تورلىرىنى يوقۇتۇش، تارقىتىۋېتىش ۋە مەغلۇب قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كارايىب دېڭىزى ۋە تىنچ ئوكياندىكى بەزى كېمىلەرنى ھەمدە ئۇنىڭ ئىچىدىكىلەرنى بىۋاسىتە نىشانغا ئېلىشى خەلقئارا جامائەتچىلىكتە «سوتسىز ئۆلتۈرۈش» مۇنازىرىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
















