ب د ت كومىتېتى: ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆلۈم جازاسى قانۇنى ئىرقىي ئايرىمچىلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
ب د ت كومىتېتى: ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆلۈم جازاسى قانۇنى ئىرقىي ئايرىمچىلىقنى داۋاملاشتۇرماقتابىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كومىتېتى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان يېڭى ئۆلۈم جازاسى قانۇنىنى «ئايرىمچىلىق» دەپ سۈپەتلەپ، ئىسرائىلىيەنى بۇ قانۇننى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىردى.
ب د ت كومىتېتى: ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆلۈم جازاسى قانۇنى ئىرقىي ئايرىمچىلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا / Reuters

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرقىي ئايرىمچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆلۈم خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن پەلەستىنلىكلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە رۇخسەت قىلىدىغان ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى قانۇنىنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قارشى ئىرقىي ئايرىمچىلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كومىتېت بۇ قانۇننىڭ ئىنسان ھوقۇقىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

 مارت ئېيىدا ئىسرائىلىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان يېڭى قانۇنغا ئاساسلانغاندا، ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ھەربىي سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن «تېررورلۇق» دائىرىسىدە دەپ قارالغان ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن پەلەستىنلىكلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىكەن.

كومىتېتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قانۇن ئىسرائىلىيە 1962-يىلىدىن بۇيان ئەمەلىيەتتە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىنسان ھوقۇقىغا ئېغىر زەربە بەرگەن. مەزكۇر كومىتېت يەنە، بۇ قانۇننىڭ «ئەمەلىيەتتە پەقەت پەلەستىنلىكلەرگىلا تەتبىقلىنىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى. شۇنداقلا، ئىسرائىلىيەدىن پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان بارلىق ئىرقىي ئايرىمچىلىق سىياسەتلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
تۈركىيە كوماندىسى ۋالىبول مۇسابىقىسىدە گېرمانىيەنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى
ئىران ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى كېچىكتۈرۈلگەن سۆھبەتلەرنى باشلاش ئۈچۈن شىۋىيېتسارىيەگە يېتىپ كەلدى
«ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپىگە ئالاقىدار تۇنجى يىپ ئۇچلىرى كۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان «قاھىرە»دە ئۇچرىشىشلاردا بولدى
تۈركىيە دۇنيا لوڭقىسى بىلەن ۋىدالاشتى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا ئىككى بومبا پارتلىدى
ترامپ «ئۇچار ئاقساراي» نى تونۇشتۇردى
ۋىتكوف بىلەن ئاراقچى شىۋېيتسارىيەدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ
ئىران سۆھبەتتىن بۇرۇن لىۋاندا ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋانغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 18 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ۋە 7 دۆلەت ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە - قىرغىزىستان شەھەر پىلانلاش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
ۋانس ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا ئالاقىدار شىۋىيېتسارىيە زىيارىتىنى كېچىكتۈردى