سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ئىبادىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن سۈنئىي ئەقىلدىن پايدىلانماقتا
مەدەنىيەت
2 مىنۇت ئوقۇش
سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ئىبادىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن سۈنئىي ئەقىلدىن پايدىلانماقتاسەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ئىبادىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە سۈنئىي ئەقىلدىن پايدىلانماقتا.
سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ئىبادىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن سۈنئىي ئەقىلدىن پايدىلانماقتا / Reuters

سۈنئىي ئەقىل قوللىنىلغان سىستېمىلار ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىنىڭ ھەج قىلغۇچىلارنىڭ زىچلىقىنى باشقۇرۇشىغا ۋە قائىدە-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى ئۈنۈملۈك بېكىتىشىگە ياردەم بېرىشنى نىشان قىلىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «ئۇكاز» (Okaz) گېزىتى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىنىڭ 2026-يىللىق ھەج مەزگىلىدە توپلاشقان ئاممىنى باشقۇرۇش، قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى بېكىتىش ۋە مۇقەددەس جايلارغا رۇخسەتسىز كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى، سۈنئىي ئەقىل ۋە ئىلغار كۆزىتىش تېخنىكىلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

خەۋەردە، قوللىنىلىۋاتقان تېخنىكىلارنىڭ ھەر يىلى مىليونلىغان مۇسۇلمانلار بىر يەرگە جەم بولىدىغان مۇقەددەس جايلاردا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشقا قارىتىلغان بىر گەۋدىلەشكەن خەۋپسىزلىك ۋە تەشكىللەش سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

دائىرىلەرنىڭ «رۇخسەتسىز ھەج قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن شۇئار ئاستىدا، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى بېكىتىش ۋە قولغا ئېلىش مەقسىتىدە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا مۇقەددەس جايلارغا يوشۇرۇن كىرىش ئۇرۇنۇشلىرىنى نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان مۇقىم قاناتلىق ھاۋا ۋاسىتىلىرىنىڭمۇ قوللىنىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ كەڭ رايونلارنى تېز ۋە ئۈنۈملۈك شەكىلدە تەكشۈرۈشكە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقى، نەق مەيداندىكى ئەترەتلەرگە بولسا گۇمانلىق ھەرىكەتلەر ۋە يوشۇرۇن كىرىش ئۇرۇنۇشلىرىغا ئائىت مۇھىم سىگناللارنى يەتكۈزىدىغانلىقى ئوتتۇرغا قويۇلدى.

مەزكۇر سىستېما دائىرىسىدە يەنە ئەقىللىق كۆزىتىش تورلىرى، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كامېرالار ۋە تېرمال تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭمۇ ئورۇن ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دائىرىلەرنىڭ ئادەم زىچلىقىنى ئالدىن بېكىتىپ، قىستا-قىستاڭچىلىق شەكىللىنىشتىن بۇرۇن يۆنىلىش بەلگىلەپ بېرەلەيدىغان سۈنئىي ئەقىل قوللىنىلغان ئانالىز سىستېمىلىرىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقى، يۈز تونۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق كىملىك بېكىتىش ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسلام دىنىنىڭ بەش پەرزىنىڭ بىرى بولغان ھەج ئىبادىتى بۇ يىل 25-مايدىن 27-مايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئادا قىلىنىدىكەن. ئىقتىسادىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئىمكانىيىتى يار بېرىدىغان ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆمرىدە كەم دېگەندە بىر قېتىم ھەج قىلىشى پەرز ئىكەن.

ئىزدىنىڭ
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى