شىمالىي كورېيە مائارىپ مىنىستىرى رى يوڭ چول بىلەن رۇسىيە مائارىپ مىنىستىرى سېرگېي كراۋتسوۋ مائارىپنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
شىمالىي كورېيە مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي كورېيەنىڭ پايتەختى پيوڭياڭدا رەسمىي زىيارەتتە بولغان كراۋتسوۋ، شىمالىي كورېيەلىك مەنسەپدىشى رى بىلەن كۆرۈشكەن.
ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەتنىڭ مائارىپ ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن «نەتىجە ۋە تەجرىبىلىرى» گە ئالاقىدار پىكىر ئالماشتۇرۇلغان ھەمدە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە مۇزىكىرىلەشكەن.
ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك كېلىشىمى
شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ 2023-يىلى سېنتەبىردە رۇسىيەنىڭ شەرقىي سىبىرىيە رايونىغا قىلغان زىيارىتى، پيوڭياڭ-موسكۋا مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى دەۋرنىڭ باشلىنىشى بولغان ئىدى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بۇ زىيارەتتىن 9 ئاي كېيىن شىمالىي كورېيەگە رەسمىي زىيارەتتە بولغان، زىيارەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك كېلىشىمى ئىمزالانغان ئىدى.
رۇسىيە رەھبىرى پۇتىن كېلىشىم بىلەن تەرەپلەردىن بىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئەھۋالدا يەنە بىرىنىڭ ھەربىي ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىممۇ كېلىشىمنى «ئەھدىنامە» دەپ سۈپەتلەپ، مۇناسىۋەتلەرنىڭ «يۇقىرى دەرىجىلىك ئىتتىپاقداشلىق» سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.


























