ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا. سۇدان بىلەن جەنۇبىي سۇدان ئوتتۇرىسىدا ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشتلىق ئابيېي رايونىدىكى بىر بازارغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئابيېي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاقىتلىق ئۇچۇر-ئالاقە مىنىستىرى يوھاننا ئاكول نگور شەھەرنىڭ شىمالىدىكى ئاميېت بازىرىغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ۋە ھۇجۇمدا يېقىن ئەتراپتىكى بىر يېقىلغۇ ئامبىرىنىڭمۇ نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
نگور ھۇجۇمدىن كېيىن چىققان ئوت ئاپىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىدى. ھۇجۇمدا، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 153 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى يەتكۈزگەن نگور، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ كۆپىيىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ، ئارىسىدا ئاياللار ۋە بالىلارمۇ بولغان كۆپ ساندا پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئابيېيدىكى ب د ت ۋاقىتلىق خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ (UNISFA)، يارىلانغانلارنى يۆتكەش ۋە ئوتنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن رايونغا سەھىيە ئەترەتلىرى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش قىسىملىرىنى ئەۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
نېفىت بايلىقى مول بولغان ئابيېي رايونىنىڭ سالاھىيىتى، جەنۇبىي سۇداننىڭ 2011-يىلى مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىنمۇ ھەل قىلىنمىغان ئىدى.


























