جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئىلغار تېخنولوگىيەلەر ساھەسىدە جەنۇبىي كورېيە بىلەن زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىمىز» دېدى. جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنى لى جەميوڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ دۆلەتنىڭ پايتەختى سېئۇلغا يېتىپ بارغان ئەردوغان، ھەيئەتلەر ئارا سۆھبەتلەردىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئورتاق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ھالدا تەرەققىي قىلدۇرىدىغان قەدەملەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي دوستلۇقنىڭ ئۇلى بۇنىڭدىن 76 يىل ئىلگىرىكى كورېيە ئۇرۇشىدا تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ جەنۇبىي كورېيەنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرى بىلەن سېلىنغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ئەردوغان، ئۆزئارا ئۇچرىشىشلارنىڭ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى ھەرىكەتچان شەكىلدە تېخىمۇ يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ ئۇچرىشىشتا ئىقتىسادىي ۋە سودا ئالاقىلىرىنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغانلىقىنى، يەنە بىر مۇھىم تېمىنىڭ بولسا يادرو ئېنېرگىيەسى ۋە كانچىلىق ساھەسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«بولۇپمۇ باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش، سۈنئىي ئەقىل ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ئىلغار تېخنولوگىيە ساھەلىرىدە كورېيە بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىمىز. مەلۇم بولغىنىدەك، مۇداپىئە سانائىتى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكىمىزنىڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرىنى بەرگەن ئالدىنقى ساھەلەردىندۇر. ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنت ئەپەندىم بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىمدا فىرتىنا ئۇزۇن مۇساپىلىك زەمبىرىكى ۋە ئالتاي تانكىسى كەبى ئۇتۇقلۇق بىرلىكتە ئىشلەنگەن تۈرلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدۇق.
خەلقئارالىق مەسىلىلەردىكى كۆز قاراشلىرىمىز ئاساسىي جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئوخشايدۇ. كورېيە يېرىم ئارىلىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشنى مەقسەت قىلغان دىيالوگ ئاساسىدىكى پوزىتسىيەنى قوللايمىز.»
ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، MIKTA ۋە 20 – گ گۇرۇھى دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە سۇپىلاردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.





















