ئىران تاراتقۇلىرى تېھران بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغۇسى كېلىشىم دائىرىسىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراننىڭ توڭلىتىپ قويۇلغان مال-مۈلكىنىڭ 12 مىليارد دوللارلىق قىسمىغا 60 كۈن ئىچىدە ئېرىشىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا پاكىستاننىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە تەييارلانغان 14 ماددىلىق ئۆزئارا چۈشىنىش ئەسلەتمىسىنىڭ رامكىسى بايان قىلىنغان «غەيرىي رەسمىي ھۆججەت» نىڭ مەزمۇنىنى ئېلان قىلدى.
مەزكۇر غەيرىي رەسمىي ھۆججەتكە ئاساسلانغاندا، كېلىشىمنىڭ ئەڭ مۇھىم ماددىلىرىنىڭ بىرى ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئۆتۈش قائىدىلىرىنى قايتىدىن بېكىتىش ئىكەن.
بۇ دائىرىدە ئىران بوغۇزدىن ئۆتىدىغان پاراخوتلارنىڭ خۇسۇسىيىتىنى بېكىتىش مەسىلىسىدە ئالاھىدە ھوقۇققا ئىگە بولىدۇ. يۈكى تەھدىت دەپ قارالغان ياكى ئاخىرقى باشقۇرغۇچىسى ئىرانغا دۈشمەن بولغان ھەرقانداق پاراخوت سودا پاراخوتى سالاھىيىتى بىلەن تونۇلمايدۇ ۋە بېكىتىلگەن يوللاردىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. خەۋەردە يەنە، ئۆزئارا چۈشىنىش ئەسلەتمىسىنىڭ تېخىچە ئىران تەرىپىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن غەيرىي رەسمىي خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
















