تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنىي بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى تەخمىنەن 3 مىليارد دوللارلىق سودا سوممىسىنى ئالدى بىلەن 5 مىلياردقا، ئۇنىڭدىن كېيىن 10 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىلگىرى، ئىككى دۆلەت رەھبىرى ئالدى بىلەن ئايرىم كۆرۈشكەن، ئارقىدىن ھەيئەتلەر ئارا ئېلىپ بېرىلغان رەسمىي سۆھبەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان. سۆھبەت ئاخىرىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۈچ تۈرلۈك مۇھىم كېلىشىم ئىمزالانغان.
ئەردوغان كەلگۈسىدىمۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەتلەرنىڭ داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ باش مىنىستىر كارنىي بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ سۆزىدە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئەڭ كونكرېت نەتىجىلىرىدىن بىرى، شۈبھىسىزكى، كانادا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈش قارارىمىزدۇر. بىز بۇ قارارنىڭ تۈرتكىسىدە، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە ئېنېرگىيە، سودا-سېتىق، قاتناش ۋە مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە يېڭى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى نىشانلاۋاتىمىز. بۈگۈن بىز دەل مۇشۇ يۆنىلىشتە باسىدىغان كونكرېت قەدەملىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پارچە ھەرىكەت پىلانىنىمۇ رەسمىي قوبۇل قىلدۇق.»
ئەردوغان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مۇشۇ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئەركىن سودا كېلىشىمى مۇزاكىرىسىنى باشلاشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى بارلىق تەرەپلەر بويىچە چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن، ئورتاق ئىقتىساد ۋە سودا كومىتېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەۋجۇت ھەمكارلىق مېخانىزملىرىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىلىدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كومىتېتنىڭ كېلەر قېتىملىق يىغىنى 2027-يىلى ئىككى دۆلەت خۇسۇسىي ساھە ۋەكىللىرىنىڭمۇ قاتنىشىشى بىلەن تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
نۆۋەتتە كانادا بىلەن مۇداپىئە سانائىتى ۋە يادرو ئېنېرگىيەسى ساھەلىرىدە يېقىندىن ئالاقە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان ئەردوغان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىيەتتە مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئورتاق تونۇپ يەتكەن ئىتتىپاقداشلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ ئۆزىنىڭ باش مىنىستىر كارنىي بىلەن غەززە، ئۇكرائىنا ۋە پارس قولتۇقىدىكى نۆۋەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەيلى ئۇكرائىنادا بولسۇن، مەيلى (پارس) قولتۇقى رايونىدا بولسۇن، دىپلوماتىك ئۇسۇللارنىڭ مەڭگۈلۈك تىنچلىققا يول ئېچىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. بىز بۇ جەھەتتە پۈتۈنلەي ئورتاق قاراشتا ئىكەنلىكىمىزنى جەزملەشتۈردۇق. غەززە مەسىلىسىگە كەلسەك، كانادانىڭ باشقا بەزى ئىتتىپاقداشلار بىلەن بىرلىكتە ئىشغالچىلارنىڭ ئولتۇراق رايونلىرىغا قاراتقان جازا تەدبىرلىرىنى — ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىق ۋە دەخلى-تەرۇزلىرىنى توسۇش يولىدا تاشلانغان توغرا بىر قەدەم دەپ قارايمىز. شۇڭا، رايونىمىزدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيەسىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
«كارنىي بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تارىخىي قەدەم باستۇق»
سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئەردوغان تۈركىيە – كانادا مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۈزۈكچىلىكنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقلىرىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر بىز تۈركىيە بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا يىپيېڭى بىر دەۋرنى باشلاۋاتىمىز. ئىنشائاللاھ، بىز ئىككى دۆلەت سودىگەرلىرىنى يېقىن ئارىدا بىر يەرگە جەم قىلىمىز. مەنمۇ كەلگۈسىدە كاناداغا سودىگەرلەر ھەيئىتى بىلەن بىرلىكتە قىلىدىغان تۇنجى زىيارىتىمدە، شۇ يەردە ئىككى دۆلەت سودىگەرلىرىنى ئۇچراشتۇرۇپ، ھەمكارلىق قەدەملىرىمىزنى ئەمەلىي باسىمىز».






















