يەمەن ئارمىيەسى ھۇسىيلار گۇرۇھىغا تەۋە ھەربىي نىشانلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان 1732 قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەتتە 900 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، 287 دىن ئارتۇق ھەربىي ئاپتوموبىلنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
بۇ ھەقتە ھۇسىيلار گۇرۇھىدىن تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.
يەمەن ئارمىيەسى باياناتچىسى پولكوۋنىك ماجىد ئابدۇللاھ ئەننەزىلى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «يەمەندە تاڭ سەھەر» ناملىق ھەرىكەت دائىرىسىدە قىسىملارنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، 1732 قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەننەزىلى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى، دالا توپچى قىسىملىرى ۋە راكېتامىيوتلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەردە ھۇسىيلار گۇرۇھىغا تەۋە ئىستىھكام، قوماندانلىق ۋە كونترول مەركەزلىرى، كۆزىتىش پونكىتلىرى، ئوق-دورا ئامبارلىرى ۋە ئىچكى قىسىملاردىكى مۇھىم ھەربىي نۇقتىلارنىڭ نىشان قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ ھۇجۇملار ئارقىلىق ھۇسىيلار گۇرۇھىنىڭ ئوق چىقىرىش مەنبەلىرىنىڭ جىمىقتۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەننەزىلى، قوماندانلىق ۋە كونترول سىستېمىلىرىنىڭ پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇلغانلىقىنى ھەمدە تەمىنلەش لىنىيەلىرىنىڭ ئۈزۈپ تاشلانغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ يەنە يەمەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قوراللىق خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ مۇداپىئە لىنىيەلىرىنى يېرىپ ئۆتۈپ، ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ پىلان بويىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان رايونلار ۋە ۋاقىت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.
يەمەن پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ رەئىسى رەشاد مۇھەممەد ئەلئۇلەيمى 5-ئۆكتەبىردە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە ئېلان قىلىنغان ۋىدېيوسىدا، ھۇسىيلار گۇرۇھىنىڭ قولىدىكى زېمىنلارنى قايتۇرۇۋېلىش ۋە دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىنى پۈتۈن مەملىكەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتلەرنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
يەمەندە ھۇسىيلار گۇرۇھى 2014-يىلى سېنتەبىردە پايتەخت سانا ۋە بەزى ۋىلايەتلەرنى قولغا كىرگۈزۈۋالغاندىن كېيىن ئىچكى ئۇرۇش باشلانغان ئىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئەرەب ئىتتىپاقداش كۈچلىرى 2015-يىلى مارتتا يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاش مەقسىتىدە ئۇرۇشقا ئارىلاشقان ئىدى. ئىيۇل ئېيىدا باشلانغان توقۇنۇشلار 2022-يىلى ئاپرېلدا يولغا قويۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئەڭ كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.




















