تۈركىيە پارلامېنتى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە فىلوتىغا قىلغان ھۇجۇمىنى «ئۇرۇش جىنايىتى» دەپ ئەيىبلىدى
ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە پارلامېنتى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە فىلوتىغا قىلغان ھۇجۇمىنى «ئۇرۇش جىنايىتى» دەپ ئەيىبلىدىتۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئىسرائىلىيەنى تۇتقۇن قىلىنغان پائالىيەتچىلەرنى ۋە تۈركىيە پۇقرالىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپ، خەلقئارا سۇمۇد فىلوتىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قاراقچىلىق ۋە ئۇرۇش جىنايىتى دەپ سۈپەتلىدى.
تۈركىيە پارلامېنتىى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە فىلوتىغا قىلغان ھۇجۇمىنى «ئۇرۇش جىنايىتى» دەپ ئەيىبلىدى / AA

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى پەيشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا سۇمۇد فىلوتىغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيدىغان مەجلىس رەئىسىنىڭ قارارنامەسىنى بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇشنىڭ ئىمزاسى بىلەن سۇنۇلغان قارارنامە ئاۋازغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

قارارنامەدە ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇننى يەنە بىر قېتىم «ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلغانلىقى» ۋە داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەم ئۇرۇش جىنايەتلىرىگە يېڭى بىرىنى قوشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋە تىنچلىقنى مەقسەت قىلغان بىر تەشەببۇس بولغان خەلقئارا سۇمۇد فىلوتىنىڭ خەلقئارا سۇ تەۋەلىكىدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن قارارنامەدە، ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئىنسانىي ياردەملەرنى توسۇپ قويغانلىقى، 20 تۈركىيە پۇقراسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 180 دىن ئارتۇق پەلەستىننى قوللىغۇچى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

قارارنامەدە: «بۇ قاراقچىلىق قىلمىشى ئوچۇق - ئاشكارا ئۇرۇش جىنايىتىدۇر. ئىنسانىيەتنىڭ سەۋر - تاقەت چېكىدىن ھالقىپ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىسرائىلىيەنى ئاگاھلاندۇرىمىز، مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىنغان پائالىيەتچىلەرنىڭ ۋە پۇقرالىرىمىزنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېيىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايەتلىرىگە قارشى ئورتاق پوزىتسىيە چاقىرىقى

قارارنامەدە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ بارلىق سىياسىي پارتىيەلەر ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە، قانۇنسىز ھالدا تۇتقۇن قىلىنغان پۇقرالارنىڭ ۋە غەززە خەلقىگە ياردەم يەتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقان ئىنسانىي تەشەببۇسنىڭ بارلىق ئەزالىرى بىلەن ھەمنەپەس ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

قارارنامەدە يەنە، ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ تۈركىيە پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فىلوت ئەزالىرىغا قارشى سادىر قىلغان بارلىق جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن خەلقئارا سوت مەھكىمىلىرىدە سوتقا تارتىلىشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ باشلامچىلىق قىلىدىغانلىقى ۋە بۇ مۇساپىنى قەتئىيلىك بىلەن تەقىب قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قارارنامەدە بارلىق پارلامېنتلارغا، خەلقئارالىق پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكلىرىگە ۋە تەشكىلاتلىرىغا؛ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قاراتقان ئىشغالىيىتىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ۋە تاجاۋۇزچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇش، غەززەگە ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى يەتكۈزۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەمدە ئىسرائىلىيەنى ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلغان جىنايەتلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىش مەقسىتىدە ئورتاق پوزىتسىيە تۇتۇش ۋە قاتتىق ئەيىبلەش چاقىرىقى تەكرارلاندى.

قارارنامە ئوقۇپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، مەجلىستە گۇرۇپپىسى بار سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قارارنامەنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئاندىن قارارنامە ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.

180 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى تۇتقۇن قىلىندى

ئىسرائىلىيە دېڭىز ئارمىيەسى چارشەنبە كۈنى كەچ تەرەپلەردە غەززەگە قاراتقان ۋە  ئۇزۇن مۇددەتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قورشاۋنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن رايونغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان فىلوتقا تەۋە پاراخوتلارغا ھۇجۇم قىلدى.

گۇرۇپپا ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ فىلوتنى گىرېتسىيەنىڭ گىرىت ئارىلى ئەتراپىدىكى خەلقئارا سۇ تەۋەلىكىدە قورشاۋ ئاستىغا ئالغانلىقىنى، ئالاقىنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى ۋە 21 پاراخوتنى قولغا چۈشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا ۋەقەدىن كېيىن 17 پاراخوتنىڭ قېچىشقا مۇۋەپپەق بولۇپ گىرېتسىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

بۇ سەپەرنى تەشكىللىگەن غەززە قورشاۋىنى بۇزۇپ تاشلاش خەلقئارا كومىتېتىنىڭ رەئىسى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ پەلەستىن قىرغاقلىرىدىن 500 دېڭىز مىلى، يەنى 926 كىلومېتىر يىراقلىقتا، خەلقئارا سۇ تەۋەلىكىدە 180 دىن ئارتۇق پائالىيەتچىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

غەززەگە ئىنسانىي ياردەم توشۇۋاتقان فىلوت ئىسرائىلىيە قورشاۋىنى بۇزۇپ تاشلاشنى ۋە دېڭىز يولى ئارقىلىق ئىنسانىي كارىدور ئېچىشنى نىشان قىلماقتا.

بۇ ئۆزگىرىش ئىسرائىلىيەدىكى ئىبرانىي تىلىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن تەخمىنەن 1000 پائالىيەتچىنى توشۇۋاتقان، جەمئىي 100 ئەتراپىدىكى پاراخوتتىن تەشكىل تاپقان فىلوتقا مۇداخىلە قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن بىرنەچچە سائەت كېيىن يۈز بەردى.

ئىسرائىلىيە 2007-يىلىدىن بۇيان غەززەنى قامال قىلىپ كەلمەكتە. ئۇرۇش جەريانىدا ئۆي-ماكانلىرى ۋەيران بولغان تەخمىنەن 2 مىليون 400 مىڭ پەلەستىنلىكتىن 1 مىليون 500 مىڭى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئىران ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى قوللىغان كارخانىلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
بۇرھانەتتىن دۇران: مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر ئۆز بايانلىرىنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئېلىشى كېرەك
خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سانائەت سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
تېھران ئامېرىكاغا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا دائىر تەكلىپلىرىنى سۇندى
مالى مۇداپىئە مىنىستىرى ئەلقائىدە بىلەن ئالاقىسى بار تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى نېتانياھۇغا قارشى بىرلەشمەكتە
ئەردوغان كەچلىك زىياپەتتىكى ھۇجۇمدىن كېيىن ترامپقا ئۇچۇر يوللىدى
ئامېرىكانىڭ «زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى» گە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۈچ كىشى ئۆلدى
كىم جوڭئۇن رۇسىيەنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا لىۋانغا ھۇجۇم قىلىپ 14 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
خاقان فىدان ئامېرىكا -ئىران سۆھبەتلىرىنى ئىرانلىق ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن مۇزاكىرىلەشتى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن پاكىستانغا قايتا بارىدۇ
ترامپ «يۇقىرى پارتلاش ئاۋازلىرى» بىخەتەرلىك سىگنالى پەيدا قىلغاندىن كېيىن تارقاقلاشتۇرۇلدى
ترامپ قوراللىق ھۇجۇمنىڭ ئىران ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشىنى «توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا يەرلىك سايلامدا چۈشكەن بېلەتلەرنى ساناش باشلاندى