تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بىرنەچچە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن نىشان قىلىنغان رىياد-مەدىنە رايونىدىكى تۇرۇبا لىنىيەسىدە پەيدا بولغان بۇزۇلۇشنى ئوڭشاش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى ھەمدە ئادەم يارىلىنىش ۋە ۋەيرانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ ھۇجۇمنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىبارىلەر بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى تەكىتلەندى.
باياناتتا، ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى ئەز زەيدىنىڭ، ئۆز دۆلىتىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ۋە قوشنا دۆلەتلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشى ئۈچۈن، ئىراق ھۆكۈمىتىگە پۇرسەت بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ تەلەپكە بىنائەن قايتۇرما زەربە بەرمەسلىكنى ۋە ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەشنى تاللىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقىنى، خەۋپسىزلىكىنى، ئەسلىھەلىرىنى ۋە پۇقرالىرىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى، شەرق-غەرب نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ 10-سېنتەبىر كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن تەدبىر يۈزىسىدىن تاقالغانلىقىنى ۋە ھۇجۇمدا ئادەم يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



















