بۇلغارىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىر قورال ساقلاش زاۋۇتىدا كېچىدە مەيدانغا كەلگەن پارتلاش ئوت ئاپىتىگە سەۋەب بولدى. يەرلىك مەتبۇئاتلار ۋە دائىرىلەر، بۇنىڭ يېقىنقى بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە ئوق-دورا زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق ئوت ئاپىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تسارېۋا لىۋادا يېزىسى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە يارىلانغانلارنىڭ يوقلۇقى خەۋەر قىلىندى. يەرلىك تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا تارقىتىلغان كۆرۈنۈشلەردە يالقۇنلارنىڭ كېچىدىكى ئاسماننى يورۇتقانلىقى كۆرۈلدى.
گابروۋو ئۆلكە ۋالىيسى كرىستىنا سىدورۋا شەنبە كۈنى سەھەردە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا: «نۆۋەتتە زاۋۇتنىڭ ساقلاش بازىسى دائىرىسىدە ئوت كۆيۈۋاتىدۇ. ئوت بىر ئامباردىن يەنە بىر ئامبارغا تۇتىشىۋاتىدۇ» دېدى.

رۇسىيەنىڭ قولى بار دېگەن دەۋالار
يەرلىك مەتبۇئاتلار ئۆتكەن ئايمۇ «EMCO» شىركىتىنىڭ باشقا بىر زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ ئوت ئاپىتىغا سەۋەب بولغانلىقىنى، بىر شىركەت مەسئۇلىنىڭ بەرگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلدى.
«EMCO» شىركىتى بۇلغارىيەلىك قورال سودىگىرى ئېمىلىيان گېبرېۋ تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. بۇلغارىيە تەپتىشلىرى گېبرېۋنىڭ زاۋۇتلىرىنىڭ ئىلگىرىمۇ رۇسىيە جاسۇسلىرى تەرىپىدىن قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ نىشانى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بۇلغارىيە 2024-يىلى، 2011-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە ئۇكرائىنا بىلەن گىرۇزىيەگە ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن ئوق-دورا ساقلانغان «EMCO» قورال ئامبارلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى سەۋەبلىك ئالتە نەپەر رۇسىيە پۇقراسى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.
تەپتىشلەر شۇ مەزگىلدە، بۇلغارىيەدىكى پارتلاشلار بىلەن گېبرېۋكە قىلىنغان 2015-يىلىدىكى زەھەرلەش قەستى شۇنداقلا 2014-يىلى چېخ جۇمھۇرىيىتىدىكى ئوق-دورا ئامبارلىرىدا يۈز بەرگەن پارتلاشلار ئوتتۇرىسىدا ئالاقە بار دەپ قاراشنىڭ تولۇق ئاساسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
موسكۋا بولسا بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلماقتا.



















