ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىغاقاراشلىق ئېرى شەھىرىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا، ئارىلىرىدا كىچىك بالىلارمۇ بولغان ئاز دېگەندە توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ABC News نىڭ شەنبە كۈنى مەسئۇللارنى مەنبە قىلغان خەۋەرىگە ئاساسلانغاندا، بىر ئۆينىڭ ئىچىدە ۋە سىرتىدا ئوق چىقارغان ھۇجۇمچى، ئارقىدىن ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋالغان.
ساقچى باشلىقى رىك لورال: «بۇ ساقچىلىرىمىز ۋە تەكشۈرۈش ئەترەتلىرىمىزنىڭ ھازىرغىچە ئۇچراتقان ئەڭ قىيىن ۋە يۈرەكنى لەختە قىلغان ۋەقەلەرنىڭ بىرى» دېدى.
لورال «يۈز بەرگەن ئۆلۈم ئىنتايىن ئىچىنىشلىق دەرىجىدە ۋە بىز تەكشۈرۈۋاتقان ۋەقەنىڭ شارائىتلىرى ئىنتايىن دەھشەتلىكتۇر» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
ئالاقىدار مەسئۇللار ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ۋە ھۇجۇمچىنىڭ كىملىكلىرىنى تېخىچە ئاشكارىلىمىدى.
ھۇجۇمنىڭ سەۋەبى نامەلۇم، تەكشۈرۈش ئەترەتلىرى ۋەقەدىن بۇرۇن يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنى ۋە ھۇجۇمنىڭ شارائىتلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا.






















