خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
روسىيە ئېلىپ بارغان قانلىق ھۇجۇم كىيېۋدە بىر مېترو بېكىتىنى ۋەيران قىلدى
كىيېۋ شەھەر باشلىقى ۋىتالى كلىچكو كېچىدە ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمنىڭ بىر مېترو بېكىتىنى، 25 قەۋەتلىك بىر بىنانى ۋە بىر سەھىيە ئەسلىھەسىنى نىشان قىلغانلىقىنى، ۋەقەدە ئۈچ كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
روسىيە ئېلىپ بارغان قانلىق ھۇجۇم كىيېۋدە بىر مېترو بېكىتىنى ۋەيران قىلدى
روسىيە ئېلىپ بارغان قانلىق ھۇجۇم كىيېۋدە بىر مېترو بېكىتىنى ۋەيران قىلدى

كىيېۋ شەھەر باشلىقى ۋىتالى كلىچكو دۈشەنبە كۈنى تېلېگرام ئارقىلىق بەرگەن باياناتىدا، روسىيەنىڭ كېچىدە ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋگە ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا بىر ئايالنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، پايتەختنىڭ سول تەرىپىدىكى بىر مېترو بېكىتىنىڭ زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى ۋە 25 قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كلىچكو ھۇجۇمدا تۇرالغۇدىن سىرت بىنالارنىڭ ۋە بىر سەھىيە ئەسلىھەسىنىڭمۇ نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۈچ كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر نەق مەيدان شاھىتى شەھەردە پارتلاش ئاۋازلىرىنىڭ ئاڭلانغانلىقىنى يەتكۈزدى.

ئۇكرائىنا دۆلەت رەئىسى ۋولودىمىر زېلېنسكىي، ئامېرىكانىڭ، روسىيە دولقۇن شەكلىدە ئاتقان تېز سۈرئەتلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا قارشى ئاگاھلاندۇرۇش ئېلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ھالقىلىق ئاخبارات ھەمبەھرىلەشنى قىسقا بىر مۇددەتتىن كېيىن قايتىدىن باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

زېلېنسكىي ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كېلىشىمگە ۋاسىتىچىلىك قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئاينىڭ بېشىدا كىيېۋنى زىيارەت قىلغان ئامېرىكىلىق تىنچلىق ئەلچىلىرى ستىۋ ۋىتكوۋ ۋە جارد كۇشنېر بىلەن كۆرۈشتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Ukraine sets Saint Petersburg refinery ablaze as Kiev accuses Russia of breaching energy truce
ئىزدىنىڭ
ئاتاتۈركنىڭ «نۇتۇق» ناملىق ئەسىرىنىڭ 8 تىلدا ئالاھىدە نەشرى تەييارلاندى
بېلگىيەدىكى نامايىشلاردا تۇتقۇن قىلىنغانلار سانى 195 كە ئۆرلىدى
مىلانو شەھىرىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 160 كىشى تۇتقۇن قىلىندى
تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى كەركۈكتە ئېھتىياجلىق يېتىملەرگە كىيىم-كېچەك ۋە ئوقۇش ئۈسكىنىلىرى ياردىمى قىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا يەنە 5 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇبىيو سەمەرقەنتتە ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەئىدوۋ بىلەن كۆرۈشتى
پاكىستان ئارمىيەسى: بەلۇجىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە 4 قوراللىق ئۇنسۇر بىر تەرەپ قىلىندى
تايلاندتىكى كەلكۈن ئاپىتىدە بىر ئايدا 80 كىشى قازا قىلدى
پەلەستىن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خەلقئارالىق قوغداش تەلەپ قىلدى
تۈركىيە كانادادىكى ھەربىي بازىدا يۈز بەرگەن پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن كانادا خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى
پۇتىن ترامپ ۋە شى جىنپىڭ بىلەن ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى
پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ھۇسىيلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىشكە چاقىردى
ترامپ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىكى دىزېل يېقىلغۇسىنى ئايرىش زاۋۇتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنى تەنقىد قىلدى
ئاراقچى: نېتانياھۇ تۈرمىگە كىرمەسلىك ئۈچۈن ئامېرىكانى ئۇرۇشقا سۆرەۋاتىدۇ
روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا كېچىچە ئۆزئارا قايتۇرما ھۇجۇلارنى قىلدى