ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى كۆچمەنلەر نوپۇسى 2025-يىلى 64 مىليون 200 مىڭغا يەتتى
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى كۆچمەنلەر نوپۇسى 2025-يىلى 64 مىليون 200 مىڭغا يەتتىگېرمانىيە يەنىلا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئەڭ كۆپ كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلغۇچى دۆلەت بولۇپ، چەت ئەلدە تۇغۇلغانلارنىڭ سانى تەخمىنەن 18 مىليونغا يەتتى، بۇنىڭ %72 ىنى ئەمگەك يېشىدىكىلەر تەشكىل قىلىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى كۆچمەنلەر نوپۇسى 2025-يىلى 64 مىليون 200 مىڭغا يەتتى / Reuters

بېرلىندىكى كۆچمەنلەر تەتقىقات ۋە ئانالىز مەركىزى تەرىپىدىن چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتقا قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئولتۇرۇشلۇق كۆچمەنلەرنىڭ سانى 2025-يىلى 64 مىليون 200 مىڭغا يەتكەن؛ مەزكۇر رەقەم ئالدىنقى يىلىغا سېلىشتۇرغاندا تەخمىنەن 2 مىليون 100 مىڭ كىشى كۆپەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

دوكلاتتا ياۋروپا ئىستاتىستىكا ئىدارىسى (Eurostat) ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى تىلغا ئېلىنىپ، بۇ رەقەمنىڭ 2010-يىلى 40 مىليون ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

گېرمانىيە % %72 ى ئەمگەك يېشىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 18 مىليون كىشى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدا چەت ئەلدە تۇغۇلغانلارنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلغۇچى دۆلەت بولدى. ئىسپانىيە بولسا يېقىندا كۆچمەنلەر نوپۇسى ئەڭ تېز كۆپەيگەن دۆلەت بولۇپ قالدى. ئىسپانىيەدە چەت ئەلدە تۇغۇلغانلار سانىغا تەخمىنەن 700 مىڭ ئادەم قوشۇلۇپ، 9 مىليون 500 مىڭغا يەتتى.

دوكلات ئاپتورلىرىدىن بىرى بولغان تومماسو فراتتىنى: «ياۋروپادىكى كۆچمەنلەر ئۈچۈن گېرمانىيە، مەيلى مۇتلەق سان جەھەتتىن بولسۇن ياكى نوپۇس نىسبىتى جەھەتتىن بولسۇن، ئاساسلىق دۆلەت بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى.

تەتقىقات نەتىجىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدىكى كۆچمەنلەرنىڭ تەڭپۇڭ سەۋىيەدە تەقسىم قىلىنمىغانلىقى؛ لىيۇكسېمبۇرگ، مالتا ۋە جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ نوپۇس نىسبىتىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ يۇقىرى كۆچمەنلەر ئۈلۈشىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

پاناھلىق تىلەش ئىلتىماسلىرىمۇ مەلۇم دۆلەتلەرگە مەركەزلەشتى؛ ئىسپانىيە، ئىتالىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە بارلىق ئىلتىماسلارنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى قوبۇل قىلدى. گېرمانىيە 2 مىليون 700 مىڭ كىشى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بويىچە ئەڭ كۆپ مۇساپىرغا ساھىبخانىلىق قىلغان دۆلەت بولدى.

ئىزدىنىڭ
«ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپىگە ئالاقىدار تۇنجى يىپ ئۇچلىرى كۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان «قاھىرە»دە ئۇچرىشىشلاردا بولدى
تۈركىيە دۇنيا لوڭقىسى بىلەن ۋىدالاشتى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا ئىككى بومبا پارتلىدى
ترامپ «ئۇچار ئاقساراي» نى تونۇشتۇردى
ۋىتكوف بىلەن ئاراقچى شىۋېيتسارىيەدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ
ئىران سۆھبەتتىن بۇرۇن لىۋاندا ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋانغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 18 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ۋە 7 دۆلەت ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە - قىرغىزىستان شەھەر پىلانلاش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
ۋانس ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا ئالاقىدار شىۋىيېتسارىيە زىيارىتىنى كېچىكتۈردى
رۇسىيە: ئۇكرائىنا زاپورىژيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ قاتناش بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى
سىنگاپور باش مىنىستىرى ۋوڭ تۈركىيەگە كېلىدۇ
توقايېۋ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى قوبۇل قىلدى