خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
خىتاينىڭ جەنۇبىدا سۇ ئاپىتى يۈز بېرىپ 39 ئادەم ئۆلدى
خىتاينىڭ گۇاڭشى رايونىدا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە كەم دېگەندە 39 كىشى قازا قىلىپ، 9 كىشى يوقاپ كەتتى. سۇ ئاپىتى سەۋەبلىك سۇ ئامبىرى توسمىسىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى ۋە تاغ گۆمۈرۈلۈشى ئاپەتنىڭ ئاقىۋىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇردى.
خىتاينىڭ جەنۇبىدا سۇ ئاپىتى يۈز بېرىپ 39 ئادەم ئۆلدى
2026-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى چىنجوۋ شەھىرىدە، قۇتقۇزۇش خادىملىرى «مايساق» ئىسسىق بەلۋاغ بورىنىدىن كېيىن قاپسىلىپ قالغان ئاھالىلەرنى تارقاقلاشتۇرماقتا. / AP

يەرلىك دائىرىلەر پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي قىسىمدا يۈز بەرگەن بۇ قېتىملىق تەبىئىي ئاپەتنىڭ بىر سۇ ئامبىرى توسمىسىنى ئۆرۈۋەتكەنلىكىنى ھەمدە ئېغىر ئادەم ئۆلۈش تالاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى دەلىللىدى.

دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسى ۋىيېتنام چېگراسىغا جايلاشقان گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن.

مەسئۇللار رايون مەركىزى نەننىڭدىكى «ليۇلان» (Liulan) سۇ ئامبىرى توسمىسىدا يېرىلىش كۆرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

نۆۋەتتە ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش خىزمەتلىرى جىددىي داۋاملاشماقتا ئىكەن.

يېقىنقى كۈنلەردە يۈز بەرگەن قاتتىق قۇيۇن، قارا يامغۇر، تاغ گۆمۈرۈلۈش ۋە كەلكۈن ئاپىتى خىتاينىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا ئېغىر زەربە بەردى.

گۇاڭشىنىڭ خېڭجۇ رايونىدىكى بىر فېرمىدا سۇ ئاپىتى تاملارنى ئۆرۈۋەتكەنلىكى ئۈچۈن تەخمىنەن 900 يىلان قېچىپ كەتكەن.

دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، غەربىي شىمالدىكى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ تەنچاڭ ناھىيەسىگە قاراشلىق بىر يېزىدىمۇ تاغ گۆمۈرۈلۈپ كەم دېگەندە 21 كىشى قازا قىلغان.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ
فىدان: ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ناتو ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشى مۇمكىن
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ۋېنېسۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3 مىڭ 342 گە يەتتى
TCG  ئۇرۇچ رەئىس نىيۇ يوركتاكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى پائالىيىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى
نورۋېگىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى
موسكۋا كىيېۋغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئەنقەرە پىروگراممىسى ئېنىق بولدى
ئىراندا ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە دۇئالار قىلىندى
زېلېنسكىي ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 954 كە يەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كانادا باش مىنىستىرى كارنى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ۋېنېزۇئېلا دائىرىلىرى تۈركىيە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە قەھرىمانلىق ئوردېنى بەردى
ترامپ ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمى جەريانىدا ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەر توختىتىپ تۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم خۇسىيلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى