سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: ئەردوغان ئاجايىپ قالتىس ئىدى، ناتو ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 36-نۆۋەتلىك ناتو دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىنى تاماملاپ تۈركىيەدىن قايتىش يولىدا، «Air Force One» (پىرېزىدېنت ئايروپىلانى) دا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
ترامپ: ئەردوغان ئاجايىپ قالتىس ئىدى، ناتو ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ «ھاۋا ئارمىيە 1-نومۇرلۇق» ئايروپىلانىنىڭ مۇخبىرلار كابىنېتىدا، ئۇچۇش جەريانىدا مۇخبىرلارغا بايانات بەردى (2026-يىلى 9-ئىيۇل) [رويتېرس]

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى - ناتونىڭ مالىيە يۈكىنى ئورتاقلىشىش مەسىلىسىدە زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ترامپ، باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن رايون خاراكتېرلىك كىرىزىسلارنى ھەل قىلىش ۋە يېڭى سودا كېلىشىملىرى مەسىلىسىدە ئۈمىدۋار بىر مەنزىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 36-نۆۋەتلىك ناتو دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىنى تاماملاپ تۈركىيەدىن قايتىش يولىدا، «Air Force One» (پىرېزىدېنت ئايروپىلانى) دا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ئاخىرقى ھەربىي ھەرىكەتلىرى، ناتونىڭ ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنى ۋە ئامېرىكا-تۈركىيە مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالدى.

ترامپ ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «مەن ئۇلار بىزگە ھەر قېتىم زەربە بەرگەندە 20 ھەسسە ئارتۇق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىمىزنى ئېيتقان ئىدىم، تۈنۈگۈن كېچە دەل شۇنداق قىلدۇق» دېدى.

ئىراننىڭمۇ بىر قىسىم قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىنى ئەمما بۇلارنىڭ پەقەت ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا قايتۇرۇلغان جاۋاب خاراكتېرىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ترامپ: «ھەربىي جەھەتتىن بىز ھەقىقەتەن غەلىبە قىلدۇق. ئۇلارنىڭ قولىدا ئىنتايىن ئاز نەرسە قالدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ترامپ يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇلار كېلىشىم تۈزۈشنى ئىنتايىن خالايدۇ ھەمدە يېقىندا تېلېفون قىلىشتى. ئۇلار كېلىشىم تۈزۈشنى شۇنچىلىك بەك خالايدۇكى، پەقەت بۇنىڭغا ئەرزىمدۇ-يوق، بۇنى بىلمەيمەن. ئۇلارنىڭ تۈزۈلىدىغان كېلىشىمگە سادىق قالىدىغانلىقىدىن گۇمانىم بار. مەسىلىمۇ دەل مۇشۇ يەردە.»

ئىراننىڭ سودا پاراخوتلىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرى ھەققىدە سورالغان سوئالغا جاۋاب بەرگەن ترامپ: «راستىنى ئېيتقاندا، بۇ سەل تەلۋىلىك. ئۇلار بىرئاز تەڭپۇڭسىز ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، ئەمما شۇنداقتىمۇ كېلىشىم تۈزۈشنى قاتتىق خالايدۇ» دېدى.

«تۈركىيە بىلەن ئىنتايىن ياخشى سودا كېلىشىملىرىنى تۈزدۇق»

دونالد ترامپ ناتونىڭ ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، تۈركىيە بىلەن بولغان ئالاقىگىمۇ يۇقىرى باھا بەردى.

«بىز ئىنتايىن ياخشى ئىككى كۈننى ئۆتكۈزدۇق... تۈركىيە بىلەن ئىنتايىن ياخشى سودا كېلىشىملىرىنى تۈزدۇق. ئۇلار ئىنتايىن ياخشى شېرىك بولۇپ بەردى» دېگەن ترامپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەققىدە توختىلىپ: «يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇ ئاجايىپ قالتىس ئىدى» دېدى.

ترامپ سۈرىيە ۋە ئۇكرائىنا رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن كۆرۈشۈشلىرىدىنمۇ مەمنۇن

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە كۆرۈشكەن سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا توغرىسىدىمۇ ئىجابىي قاراشلارنى ئورتاقلاشتى.

شارانىڭ ئۆز دۆلىتىنى بىرلەشتۈرۈش مەسىلىسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى تىلغا ئالغان ترامپ: «ئۇ ئاجايىپ قالتىس خىزمەت كۆرسەتتى. سۈرىيەنى بىرلەشتۈردى» دېدى.

ترامپ شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولۇدىمىر زېلېنىسكىي بىلەنمۇ «ئىنتايىن ياخشى بىر سۆھبەت» ئۆتكۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ناتو ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنىدىكى بىرلىك ۋە ھەمدەملىك تەكىتلەندى

باشلىقلار يىغىنىدا ياۋروپالىق ئىتتىپاقداشلارنىڭ مۇداپىئە چىقىملىرى مەسىلىسىدە مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ترامپ: «بۈگۈن چوڭ بىر بىرلىك ۋە ھەمدەملىك بار ئىدى. ناتو ھەقىقەتەن ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى» دېدى.

ئامېرىكانىڭ يىللاردىن بۇيان ئىتتىپاق ئىچىدە ئادالەتسىز بىر مالىيە يۈكىنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ترامپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ مۇداپىئە چىقىمى قىلىشقا قوشۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ بۇ ھەقتە: «بۈگۈنكى يىغىن نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. كىشىلەر ئامېرىكاغا ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلىنىپ كەلگەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى يەنە ئىران مەسىلىسىنىڭ «بىر ئۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئىراننى يادرولۇق قورالسىزلاندۇرۇش مەسىلىسى» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «مېنىڭچە ھەممە ئادەم بۇنىڭدىن مەمنۇن بولۇشى كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ
فىدان: ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ناتو ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشى مۇمكىن
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ۋېنېسۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3 مىڭ 342 گە يەتتى
TCG  ئۇرۇچ رەئىس نىيۇ يوركتاكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى پائالىيىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى
نورۋېگىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى
موسكۋا كىيېۋغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئەنقەرە پىروگراممىسى ئېنىق بولدى
ئىراندا ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە دۇئالار قىلىندى
زېلېنسكىي ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 954 كە يەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كانادا باش مىنىستىرى كارنى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ۋېنېزۇئېلا دائىرىلىرى تۈركىيە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە قەھرىمانلىق ئوردېنى بەردى
ترامپ ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمى جەريانىدا ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەر توختىتىپ تۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم خۇسىيلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى