يېرىم رەسمىي تەسنىم خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىبنۇررىزا پايتەخت تېھراندا بىر قىسىم سانائەت ئورگانلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىندا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە بايانات بەردى.
ئۇ دۆلىتىنىڭ تەھدىتلەرگە باش ئەگمەيدىغانلىقىنى، ئۆز كىملىكىنى قوغداش ئۈچۈنمۇ ھېچكىمدىن رۇخسەت سورىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكاغا قارىتىپ: «ئوت بىلەن ئويناشماڭلار، قوراللىق كۈچلىرىمىزنىڭ قولى قۇرۇق ئەمەس» دېدى.
ئىبنۇررىزا ئىراننىڭ ئىلىم-پەن، سانائەت ۋە مۇداپىئە ساھەلىرىدىكى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:
«بىز ئۆز تارىخىمىزنى بىلىمىز، دۆلەت بىخەتەرلىكىمىز ۋە مەنپەئەتلىرىمىزنى قوغدايمىز. ھەرقانداق تەھدىتكە تەييارمىز. سىگنالىمىز ناھايىتى ئېنىق: ئىران مەدەنىيىتىگە تەھدىت سالالمايسىلەر. مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىنىڭ ئوتىنى ياققانلار بۇ يالقۇنلارنىڭ ئۆزلىرىنى قاپلىمايدىغانلىقىنى ئويلىمىسۇن.»


















