مەدەنىيەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ئەمىنە ئەردوغان 7-نۆۋەتلىك ت ر ت دۇنيا پۇقراسى مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى
7-نۆۋەتلىك ت ر ت (TRT) مۇكاپات تارقىتىش كېچىلىكىدىكى ئەڭ تەسىرلىك پەيت، غەززەدە شېھىت قىلىنغان ژۇرنالىست يەھيا بارزاققا «يىللىق دۇنيا پۇقراسى مۇكاپاتى» بېرىلگەندە يۈز بەردى.
ئەمىنە ئەردوغان 7-نۆۋەتلىك ت ر ت  دۇنيا پۇقراسى مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى
ئەمىنە ئەردوغان بارزاققا ۋە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بارلىق پەلەستىنلىكلەرگە تەزىيە بىلدۈردى. ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA

7نۆۋەتلىك ت ر ت دۇنيا پۇقراسى مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا چوڭقۇر ئىنسانپەرۋەرلىك ئىزلىرىنى قالدۇرغان ئالاھىدە شەخسلەرنى بىر يەرگە جەم قىلدى. مۇراسىم جەريانىدا تۈركىيەنىڭ بىرىنچى خانىمى ئەمىنە ئەردوغان غەززەدە شېھىت قىلىنغان ژۇرنالىست يەھيا بارزاقنىڭ ئانىسىنى قۇچاقلىغاندىكى چوڭقۇر ھېسسىياتلىق مىنۇتلار كىشىلەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى.

جۈمە (2026-يىلى 13-فېۋرال) كۈنى ت ر ت تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ مۇراسىمدا، دۇنيانىڭ ئەڭ قىيىن شارائىتلىرىدا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن مائارىپچىلار، ياش رەھبەرلەر، ژۇرنالىستلار، بىناكارلار ۋە ھەق-ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى تەقدىرلەندى.

مۇراسىمغا قاتناشقان ئەمىنە ئەردوغان ئۆزىنىڭ تىل، ئىرق ۋە جۇغراپىيەدىن ھالقىغان بۇ ئەھمىيەتلىك يىغىلىشقا قاتناشقانلىقىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئېكس (X) ئادرېسىدا ھەمبەھرلىگەن ئۇچۇرىدا، بۇ پائالىيەتنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ چېگرا تونۇمايدىغانلىقىنى ۋە نۇرغۇنلىغان نامسىز قەھرىمانلارنىڭ تېخىمۇ ئادىل دۇنيا ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ يىللىق مۇكاپاتلار ئوخشىمىغان ساھەلەردىكى تەسىر كۆرسىتىش شەكىللىرىنى گەۋدىلەندۈردى:

مائارىپچى مۇكاپاتى تاكى (Thaki)  سۇپىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش ئىجراچىسى رۇداينا ئابدۇغا بېرىلدى. ئۇنىڭ رەقەملىك ئۆگىنىشتىكى يېڭىچە ئۇسۇلى لىۋان ۋە ئىيوردانىيەدىكى ئونمىڭلىغان مۇساپىر ۋە ئېھتىياجلىق بالىلارنىڭ سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى. ئابدۇ ئىئانە قىلىنغان كومپيۇتېرلارنى قايتا رېمونت قىلىپ، ئۇلارغا تورسىز مائارىپ مەزمۇنلىرىنى قاچىلاش ئارقىلىق، مائارىپقا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان يەرلەردە سىجىل ۋە ھەق-ھوقۇقنى ئاساس قىلغان بىر ئەندىزە ياراتتى.

ياشلار مۇكاپاتى نىگېرىيەلىك پائالىيەتچى ئامارا نۋۇنېلىغا بېرىلدى. ئۇنىڭ ئىجادىي مۇھىت ئاسراش تەشەببۇسلىرى ئەخلەتكە تولغان جايلارنى قايتا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ماتېرىياللاردىن ياسالغان بىخەتەر ئويۇن مەيدانلىرىغا ئايلاندۇردى. ئۇنىڭ خىزمىتى سىجىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە مىڭلىغان بالىلارنىڭ ئويۇن ئويناش ھوقۇقىنى قوغدايدىغان، سىجىل ئەندىزە ياراتتى.

ئەخلاقىي ئالاقە ساھەسىدە يۇمتال ئىنژېنېرلىرى ئىبتىھال ئەبۇسائاد ۋە ۋانىيا ئاگراۋالغا بىرلىكتە بېرىلدى. ئۇلار سۈنئىي ئەقىل ۋە بۇلۇت تېخنىكىسىنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن باغلاشقا قارشى تۇرۇپ، رەقەملىك دەۋردە ئۇچۇر-ئالاقىنىڭ ئەخلاقىي مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىدەك كۈچلۈك بىر ئۇچۇرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يەھيا بارزاق

مۇكاپات تارقىتىش كېچىلىكىدىكى ئەڭ تەسىرلىك پەيت، غەززەدە شېھىت قىلىنغان ژۇرنالىست يەھيا بارزاققا «يىللىق دۇنيا پۇقراسى مۇكاپاتى» بېرىلگەندە يۈز بەردى. بارزاق 30-سېنتەبىر (2025) غەززەدىن خەۋەر بېرىۋاتقان، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئاستىدىكى پۇقرالارنىڭ ھاياتىنى خاتىرىلەۋاتقان مەزگىلدە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغانىدى. ئۇ ئۆز كامېراسى ئارقىلىق ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ سۈكۈت ئىچىدىكى چىدامچانلىقىنى، قەدىر-قىممىتىنى ۋە ئازابلىرىنى دۇنياغا ئاڭلاتقان بولۇپ، ھەقىقەتنى سۆزلەشتەك ئۇلۇغ مىراسنى قالدۇرۇپ كەتتى.

ئەمىنە ئەردوغان سۆزىدە يەھيا بارزاق ۋە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بارلىق پەلەستىنلىكلەرگە ھۆرمەت بىلدۈردى. ئۇ بارزاقنى «غەززەنىڭ رېئاللىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش يولىدا شېھىت بولغان قېرىندىشىمىز» دەپ سۈپەتلىدى. ئۇ بارزاق ۋە بارلىق پەلەستىنلىك شېھىتلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەسلىمىسىنى ياد ئەتتى ۋە قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغانلار بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

تەسىرلىك مىنۇتلار

ئەمىنە ئەردوغان مۇراسىمدا يەھيا بارزاقنىڭ ئانىسىنى قۇچاقلىغاندا، پۈتۈن زالدا چوڭقۇر ھېسسىياتلىق بىر كۆرۈنۈش پەيدا بولدى. بۇ قۇچاقلىشىش رەسمىي كۈتۈملەردىن ھالقىغان، ئورتاق قايغۇ ۋە ھېسداشلىقنىڭ سىمۋولى بولدى. كۆزەتكۈچىلەر بۇ مىنۇتنى كېچىلىكنىڭ ئەڭ تەسىرلىك كۆرۈنۈشلىرىدىن بىرى دەپ تەسۋىرلىدى.

ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتى ئىتالىيەلىك بىناكار رائۇل پانتالېئوغا بېرىلدى. ئۇنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك بىناكارلىقى كىرىزىس ۋە توقۇنۇش رايونلىرىدا ھەقسىز ساقلىقنى ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى بەرپا قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، توسالغۇسىزلىق مۇكاپاتى جۇھى تاھىرغا بېرىلدى. ئۇ ئۆزى قۇرغان مۇھسېن (MUHSEN) تەشكىلاتى ئارقىلىق مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرىدىكى مېيىپلارنىڭ ئىبادەتخانىلارغا كىرىش ۋە باراۋەر قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن باشلامچىلىق بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.

ئەمىنە ئەردوغان مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ تەجرىبىلىرىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئۈمىدسىزلىككە تەسلىم بولۇشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ھەق بىلەن ناھەق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتە يەنىلا ئادالەت تەرەپتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئادالەت ۋە رەھىم-شەپقەت تەلەپ قىلغان ھەممە كىشىگە كۈچ  ۋە ئىلھام بېغىشلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بارلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەپ، ئۇلارنىڭ جەسۇرلۇقى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ داۋاملىق تۈردە ئۈلگە بولۇشىنى تىلىدى. شۇنداقلا، ئاۋازى ئاڭلىنىشى قىيىن بولغانلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا رول ئوينىغان ت ر ت ئائىلىسىگە ۋە پىروگراممىغا تۆھپە قوشقان بارلىق كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتتى.

ئىزدىنىڭ
ئىران ئامېرىكانى ئىسلامئاباد كېلىشىمىگە «روشەن» خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى
كىرېمىل: ئەنقەرەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز
ناتو ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنى مۇداپىئە سانائىتى مۇنبىرى بىلەن باشلاندى
مىنىستىر فىدان: «ياۋروپا بىخەتەرلىكىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغىلا يىغىنچاقلاشقا بولمايدۇ»
فىدان ئەنقەرەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى ئامېرىكالىق كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ھەرخىل كۆرگەزمىلەرنى ئاچتى
رۇتتې ئەردوغاننىڭ ناتو يىغىنى ئۈچۈن «ئاجايىپ قالتىس» مەيدان ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى
ئەنقەرە ناتو باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن چوڭ بىر خەلقئارالىق تاراتقۇ مەركىزى تەييارلىماقتا
مىنىستىر فىدان: تۈركىيە — ياۋروپا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزىي ئاكتىيورلىرىدىن بىرى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ
فىدان: ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ناتو ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشى مۇمكىن
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ۋېنېسۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3 مىڭ 342 گە يەتتى
TCG  ئۇرۇچ رەئىس نىيۇ يوركتاكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى پائالىيىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى
نورۋېگىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى