خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جىبۇتى ساھىللىرىدا بىر پاراخوتنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 139 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 84 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

جىبۇتى ساھىللىرىدا يۈز بەرگەن پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 84 كىشى يوقاپ كەتتى. جىبۇتى دائىرىلىرىنىڭ ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ب د ت خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى (IOM) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، جىبۇتى دېڭىز تەۋەلىكىدە 305 كىشى ئولتۇرغان بىر پاراخوتنىڭ ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكى، ۋەقەدە 139 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 84 كىشىنىڭ بولسا يوقاپ كەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ (IOM) كېيىنچە ئېلان قىلغان باياناتىدا، 305 كىشى ئولتۇرغان ۋە ئۆرۈلۈپ كەتكەن پاراخوتنىڭ 9-ئۆكتەبىر كېچىسى جىبۇتىدىن يەمەنگە قاراپ يولغا چىققانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر ۋەقە ئافرىقا تۇمشۇقى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئەدەن قولتۇقى ياكى قىزىل دېڭىزنى كېسىپ ئۆتۈپ، يەمەن ئارقىلىق پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە بېرىشقا تىرىشىدىغان خەتەرلىك كۆچۈش يولى «شەرق يۆنىلىشى» دە يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر ھاياتىدىن ئايرىلىش ۋەقەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

باياناتتا پىكىرلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ باش مۇدىرى ئېمى پوپ: «ھېچكىم باشقا بىخەتەر يولنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمىگۈچە بۇنداق پاراخوتقا ئولتۇرمايدۇ. بىز بۇ ئۆلۈملەرنى نورمال ئەھۋالدەك كۆرۈشنى داۋاملاشتۇرالمايمىز. بىخەتەر ۋە قانۇنىي يوللار جاننى ساقلاپ قالىدۇ» دېدى.

پوپ يەنە ھۆكۈمەتلەرنى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنى پاراخوت چۆكۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

ئىزدىنىڭ
كرېمىل: «پۇتىن ئىراننىڭ ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ترامپقا يەتكۈزدى»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ناۋى پىللايغا بېرىلدى
ناتونىڭ يىللىق يادرو قوراللىرىنى توسۇش مانېۋىرى 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىساياس بوران-چاپقۇنى سەۋەبىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى
مېكسىكادىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 10 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى دېڭىز يولى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە