ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننى قوبۇل قىلدى. ئەزەربەيجان پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، خىزمەت زىيارىتى بىلەن باكۇغا بارغان فىدان ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشكەن.
سۆھبەت جەريانىدا، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ بارلىق ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ «بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت» پىرىنسىپى ئاساسىدا بارغانسېرى مۇستەھكەملىنىۋاتقانلىقىنىڭ خۇشاللىنارلىق ئەھۋال ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىندى.
ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ مۇھىملىقى ئەسكەرتىلگەن ئۇچرىشىشتا، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەسىلىسىدە خەلقئارا بازارلارغا يېڭى چىقىش يوللىرىنى تېپىش توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى. تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئەشيا ئوبوروتى جەھەتتىكى مۇھىملىقى، بولۇپمۇ ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدا مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رول ئويناۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى. شۇنداقلا، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار دائىرىسىدىكى پائالىيەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.
ئۇچرىشىشتا يەنە، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ كېلەچىكى، رايونلۇق مەسىلىلەر ۋە ھەر ئىككى تەرەپ قىزىقىدىغان باشقا تېمىلارمۇ مۇزاكىرە قىلىندى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان زىيارەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولدى.





















