بۇركىنا فاسو سەھىيە مىنىستىرى روبېرت كەرگۇگۇ، دۆلەتتىكى ئۈچىنچى تۈركۈملۈك بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەلىرىنى ئېلىپ بارغان تۈركىيە ئورگان كۆچۈرۈش فوندى جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن كۈتۈۋېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
كەرگۇگۇ پايتەخت ۋاگادۇگۇدىكى بىر مېھمانخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن زىياپەتتە، تۈركىيەلىك دوختۇرلارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغان ئورگان كۆچۈرۈش خىزمەتلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.
دوختۇرلار ئېلىپ بارغان ئۈچىنچى تۈركۈملۈك ئوپېراتسىيەلىرى سايىسىدا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەمكارلىقتىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ مېۋە بېرىشىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
كەرگۇگۇ ھەممە ئىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقىنى بىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بىز داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيمىز ۋە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىمىز، شۇنداق بولغاندا ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىمىز تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىدۇ ۋە چەتئەللەرگە تايىنىشىمىز ئازىيىدۇ.»
تۈركىيە ئورگان كۆچۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەييۇپ قەھۋەجى، ئىقتىدارنى يۇقىرى كۆتۈرۈش پىروگراممىسى دائىرىسىدە بۇركىنا فاسودىكى بۆرەك كۆچۈرۈش سىستېمىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشى ئۈچۈن تۈركىيەلىك ئورگان كۆچۈرۈش ئەترەتلىرىنىڭ يېتەكچىلىك ياردىمىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«20 تۈرلۈك ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئۇلار ئۆزلىرى بۇ پىروگراممىنى ئېلىپ بارالايدىغان ھالەتكە كېلىدۇ. بۇ ھەپتىنىڭ تاماملنىشى بىلەن 7 تۈرلۈك ئوپېراتسىيە قىلىنغان بولدى. بىز بۇنى 20 گە يەتكۈزىمىز.»






















