غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ب د ت: غەززەدىكى ئائىلىلەرنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرى كۈنىگە پەقەت بىر ۋاخ تاماق بىلەن كۇپايىلىنىۋاتىدۇ
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باياناتچىسى سىتېفان دۇجاررىك، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ۋە چەكلىمىلىرى داۋاملىشىۋاتقان غەززەدە، ئاھالىلەرنىڭ ئېغىر ئاچلىق ئازابى تارتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ب د ت: غەززەدىكى ئائىلىلەرنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرى كۈنىگە پەقەت بىر ۋاخ تاماق بىلەن كۇپايىلىنىۋاتىدۇ
ب د ت: غەززەدىكى ئائىلىلەرنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرى كۈنىگە پەقەت بىر ۋاخ تاماق بىلەن كۇپايىلىنىۋاتىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى سىتېفان دۇجاررىك، نىيۇ يوركتىكى ب د ت باش شىتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئوتتۇرا شەرقتىكى نۆۋەتتىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

غەززەدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيە ھەققىدە توختالغان دۇجاررىك: «ئائىلىلەرنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرىنىڭ كۈنىگە پەقەت بىر ۋاخ تاماق يېيەلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئائىلىلەر تۇرمۇشتا ئېغىر قىيىنچىلىق تارتىۋاتىدۇ، بۇ ئائىلىلەرنىڭ % 50 ىنىڭ ئالدىنقى ئايدا كەم دېگەندە بىر قېتىم يېمەك-ئىچمىكىنىڭ پۈتۈنلەي تۈگىگەنلىكى مەلۇم قىلىندى» دېدى.

ئاشلىق باھاسى ئىنتايىن قىممەت

دۇجاررىك دۇنيا ئاشلىق تەشكىلاتى (WFP) نىڭ رايونغا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتىغا تايىنىپ، غەززەدە مۇشۇ ئايدا ھازىرغىچە ئائىلىلەرنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنىڭ نەق پۇل يېتىشمەسلىك ۋە ئاساسلىق ئاشلىق تۈرلىرىنىڭ قىممەت بولۇشى سەۋەبىدىن «بازارلارغا بېرىشتا قىينىلىۋاتقانلىقى» ئۇچۇرىنى ھەمبەھىرلىدى.

باياناتچى دۇجاررىك: «غەززەدە نۇرغۇن ئاشلىق مەھسۇلاتلىرى، 2023-يىلى توقۇنۇشلار ئەۋج ئېلىپ كېتىشتىن بۇرۇنقى مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قىممەت» دېدى. ئۇ يەنە رايوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خادىملىرىنىڭ بولسا داۋاملىشىۋاتقان خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى ۋە چەكلىمىلەرگە قارىماي، ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى