تۈركىيە، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىر، ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى، جۈملىدىن رىيادىكى پادىشاھ خالىد خەلقئارا ئايرودورۇمىغا قىلىنغان قانلىق ھۇجۇمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئورتاق بىر بايانات ئارقىلىق قاتتىق ئەيىبلىدى.
تۆت دۆلەتتىن تەشكىل قىلغان R4 گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھۇجۇملارنىڭ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىگە ۋە يارىلىنىشىغا، شۇنداقلا ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە قۇرۇلۇشلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىغا سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، بۇنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئوچۇق-ئاشكارە خىلاپلىق قىلغانلىق ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
باياناتتا، ھۇجۇملارنىڭ «سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە قىلىنغان ئېغىر تاجاۋۇزچىلىق ئىكەنلىكى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە، مۇقىملىقىغا ۋە پۇقرالارنىڭ جېنىغا بىۋاسىتە تەھدىت پەيدا قىلغانلىقى» ئىپادىلەندى.
تۆت دۆلەت بۇ ھۇجۇملارنى «ھېچقانداق سەۋەب بىلەن ئاقلىغىلى بولمايدىغان ياكى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان خەتەرلىك بىر كەسكىنلىشىش» دەپ ئاتىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن دۆلەتلەر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى ۋە خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە، ھۇجۇملارغا تاقابىل تۇرۇش، تەھدىت مەنبەلىرىنى توسۇش ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ھۇجۇملارنىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە رىياد ھۆكۈمىتى باسىدىغان بارلىق قانۇنلۇق قەدەملەرنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا، ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملارنىڭ ئاقىۋەتلىرىگە شۇنداقلا رايونلۇق ھەم خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە تەھدىت سالىدىغان ئېھتىماللىقى بولغان ۋەقەلەرگە «تولۇق جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى» قەيت قىلىندى.
R4 گۇرۇپپىسى ھۇجۇملارنىڭ «دەرھال ۋە شەرتسىز ھالدا توختىتىلىشىنى» تەلەپ قىلدى.



















