خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
پۇتىن ئۇكرائىنا بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن پەقەتلا ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەس، بەلكى ئۇكرائىنا بىلەن ئومۇميۈزلۈك تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، ئىككىلا دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پۇتىن ئۇكرائىنا بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ئۇكرائىنا بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پۇتىن دۆلەت ئىگىلىكىدىكى «روسسىيا» تېلېۋىزىيەسىگە بەرگەن زىيارەت باياناتىدا، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولۇدىمىر زېلېنىسكىينىڭ يېقىندا بىر زىيارەتتىكى «بەزى زېمىنلارنى يوقىتىپ قويۇشنى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكى» ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىگە رەسمىي ئىنكاس قايتۇردى.

نۆۋەتتە رۇسىيە كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتكەن زېمىنلار ھەققىدە توختالغان پۇتىن مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇلارنىڭ، يەنى ئۇكرائىنانىڭ زېمىنى ئەمەس. ئەكسىچە، بۇ يەرلەر تارىخىي رۇسىيە زېمىنىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ يەرلەردە ياشايدىغان ئاھالىلەر ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت مۇستەقىللىقى ئۈچۈن، كېيىن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن قايتا بىرلىشىش ئۈچۈن ئۆز ئىختىيارى بىلەن بېلەت تاشلىدى. شۇڭا مەن بۇ يەردە زېمىن يوقىتىش ھەققىدە سۆز قىلىشنى قەتئىي ئورۇنسىز دەپ قارايمەن.»

پۇتىن يەنە، بۇ ۋەزىيەتنىڭ، بولۇپمۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ۋە ھەرقايسى ساھەلەردە رۇسىيەگە قارشى كۈچلۈك تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھازىرمۇ توختاۋسىز ھالدا رۇسىيەدىن كېلىدىغان تەھدىت ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى باشلاش ھەققىدە سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «بۇنى بىر خىل سىياسىي شىزوفرېنىيە دەپ ئويلايمەن. لېكىن مەن بۇنىڭمۇ ئاخىرى ئۆتۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

«ھەر قانداق مەسىلىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ»

پۇتىن ئۆز سۆزىدە، دەسلەپتە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى خەلقلەر بىلەن كىيېۋ ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشقانلىقلىرىنى، بىراق كىيېۋ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرىدا ئۇرۇشنى تاللىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز بۈگۈنمۇ كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تەييارمىز. بۇ ئېغىر ۋە مۇرەككەپ ۋەزىيەتنىڭ ئاقىلانە ھەل قىلىش يوللىرىنى تېپىشقا تەييارمىز. بۇ خەلق بىزگە ناھايىتى يېقىن ۋە قېرىنداش بىر خەلق. چۈشىنىۋاتامسىلەر؟ بۇنىڭدىن ئارتۇق يەنە نېمە دېگىلى بولىدۇ؟ يېقىنقى گېن تەتقىقاتلىرىمۇ رۇسلار بىلەن ئۇكرائىنلارنىڭ ئەمەلىيەتتە بىرلا خەلق ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرماقتا» دېدى.

«ھەر قانداق مەسىلىدە چوقۇم كېلىشىم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. مېنىڭچە كېلىشەلەيمىز، بىز بۇنىڭغا قوشۇلىمىز» دېگەن پۇتىن، ئاخىرىدا يەنە قانداق ئەھۋال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىدىغانلىقلىرىنى ۋە ئۇكرائىنادىكى «ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت» نىڭ بارلىق نىشانلىرىغا يېتىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى