تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران ئىسرائىلىيەنىڭ تەھدىتلىرى ۋە قارىلاش ھەرىكەتلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەق ۋە ئادالەت تەرەپدارى مەيدانىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
بۇرهانەتتىن دۇران

دۇران تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇسى NSosyal  دىكى ھېسابىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسرائېل كاتزنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈركىيەگە قارشى ھەددىدىن ئاشقان سۆزلىرىنىڭ، ئىسرائىلىيەدە يېقىنلىشىۋاتقان سايلام ئالدىدا ئۇلار دۇچ كەلگەن سىياسىي بىچارىلىكنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيەگە قارىتىلغان ئاساسسىز ئەيىبلەشلەرنىڭ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق خاتىرىسى ۋە رايوندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تاجاۋۇزچىلىق سىياسەتلىرىنى يوشۇرالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن دۇران مۇنداق دېدى:

«كاتزنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ۋە تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىۋاتقان شەخسلەرگە ئاشكارا ئۆلۈم تەھدىتى سېلىشى، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇننى كۆزگە ئىلمايدىغان چۈشەنچىسىنىڭ يېڭى بىر ئىپادىسىدۇر. بۇ مەسئۇلىيەتسىز پوزىتسىيە خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ئاشكارا كۆزگە ئىلمىغانلىقتۇر.

جۇمھۇر رەئىسىمىز ھۆرمەتلىك رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە تۈركىيە پەلەستىن خەلقىنىڭ قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقلىرىنى، ئادالەتنى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقنى داۋاملىق قوغدايدۇ. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتلىرى، قۇتراتقۇلۇقلىرى ۋە قارىلاش ھەرىكەتلىرى دۆلىتىمىزنىڭ ھەق ۋە ئادالەت تەرەپدارى مەيدانىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.»

ئىزدىنىڭ
كرېمىل: «پۇتىن ئىراننىڭ ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ترامپقا يەتكۈزدى»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ناۋى پىللايغا بېرىلدى
ناتونىڭ يىللىق يادرو قوراللىرىنى توسۇش مانېۋىرى 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىساياس بوران-چاپقۇنى سەۋەبىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى
مېكسىكادىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 10 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى دېڭىز يولى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە