ئەمىنە ئەردوغان: تۈرك تائاملىرى بىزنىڭ ئەڭ گۈزەل مەدەنىيەت ئەلچىمىز
مەدەنىيەت
4 مىنۇت ئوقۇش
ئەمىنە ئەردوغان: تۈرك تائاملىرى بىزنىڭ ئەڭ گۈزەل مەدەنىيەت ئەلچىمىزجۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان «تۈرك تائاملىرى ھەپتىلىكى» دائىرىسىدە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «بىر داستىخاندىكى مىراس» پىروگراممىسىغا قاتناشتى.
ئەمىنە ئەردوغان: تۈرك تائاملىرى بىزنىڭ ئەڭ گۈزەل مەدەنىيەت ئەلچىمىز

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان تۈرك تائاملىرىنىڭ تەم-لەززەتلىرى بىلەن بىرگە، مەنىۋى باغلىنىشى، ئائىلە رىشتىسى، ئورتاقلىشىش مەدەنىيىتى ۋە ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بىلەن بىر ياشاش سەنئىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «تۈرك تائاملىرى ئانادولۇنىڭ روھى ۋە ۋىجدانىنى دۇنيانىڭ تۆت ئەتراپىغا يەتكۈزىدىغان ئەڭ گۈزەل مەدەنىيەت ئەلچىمىزدۇر» دېدى.

پىروگراممىدا سۆز قىلغان ئەمىنە ئەردوغان، ئىستانبۇلنىڭ يەر شارىدىكى ئەڭ قەدىمكى شاھىتلارنىڭ بىرى، مەدەنىيەتلەرنىڭ، خەلقلەرنىڭ ۋە تارىخنىڭ بىر يەرگە جەم بولغان بىر ئىنسانىيەت داستىخىنى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ داستىخاندا تۈرك تائاملىرىنىڭ كۈچلۈك بىر مەدەنىيەت مىراسى ئىكەنلىكىنىڭ قايتىدىن ئەسلەپ ئۆتۈلگەنلىكىنى قەيت قىلغان ئەمىنە ئەردوغان، بۇ مىراسنىڭ تۈركىيەنىڭ پەقەت تائاملىرىنىلا ئەمەس، بەلكى يەرلىكتىن دۇنياۋىي مەيدانغىچە سوزۇلغان مەدەنىيەت بايلىقىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمىنە ئەردوغان بۇ پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ھەمدە سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ، چەت ئەللەردىكى پائالىيەتلەر بىلەن تۈرك تائاملىرى ھەپتىلىكىنى تەبرىكلەۋاتقان چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق ۋاكالەتخانىلارغا قىزغىن سالام يوللىدى.

«يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمكى ئارخىپلارنىڭ بىرىدۇر» دېگەن ئەمىنە ئەردوغان سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«سېلىنغان ھەر بىر داستىخاندا بىر جەمئىيەتنىڭ ئېتىقادلىرىنى، مەدەنىيەت كودلىرىنى ۋە جۇغراپىيە بىلەن ئورناتقان مۇناسىۋىتىنى قۇر بويىچە ئوقۇش مۇمكىندۇر. تۈرك تائاملىرى مىراسى ھەققىدە سۆز ئاچقاندا، نەچچە ئەسىرلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان بىر مەدەنىيەت مۇساپىسىنى تىلغا ئالىمىز. تۈرك تائاملىرىنىڭ دەرۋازىسى تۈركىستاندىن ئېچىلىدۇ، كۆچۈشلەر ئارقىلىق ئانادولۇغا سوزۇلىدۇ، ئۇ يەردىن ئوسمانلى جۇغراپىيەسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا، بالقانلارغا، شەرقىي ياۋروپاغا، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقادا تاكى سەھرايى كەبىرگىچە كېڭىيىدۇ. بۇ تارىخىي لىنىيە بويىچە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ، بىر-بىرىدىن ئۆگىنىدۇ ۋە بىر-بىرىنى بېيىتىدۇ.»

تۈرك خەلقىنىڭ تائام مەدەنىيىتى ۋە داستىخاننى بىر مەدەنىيەت مەكتىپى دەپ قارايدىغانلىقىنى، چۈنكى داستىخاننىڭ قەلبلەرنى بىر-بىرىگە يېقىنلاشتۇرىدىغان، ساداقەت ۋە ۋاپادارلىق گەۋدىلەنگەن بىر جەم بولۇش سورۇنى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئەمىنە ئەردوغان، بۇرۇنقى چاغلاردا كىشىلەرنىڭ بۇنى «تۇز-نان ھەققى» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەمىنە ئەردوغان تارىختا ئوخشاش داستىخاندا ئولتۇرۇشنىڭ ھەتتا دۈشمەنلىكلەرگىمۇ خاتىمە بەرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇرغۇنلىغان رىۋايەتلەرنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنى بىر مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈپ بەردى.

تۈرك تائاملىرىنىڭ يەنە بىر چوڭ كۈچىنىڭ ئانادولۇنىڭ ھەمكارلىق روھىنى داستىخاننىڭ مەنىۋى ماتېرىيالىغا ئايلاندۇرۇش ماھارىتى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئەمىنە ئەردوغان، بۇنى ئۆزئارا ياردەملىشىش مەدەنىيىتى دەپ ئاتىدى.

ئەمىنە ئەردوغان بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۆزئارا ياردەملىشىش مەدەنىيىتى ئاتالغۇسىنى ئانادولۇنىڭ دۇنياغا قىلغان سوۋغىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«چۈنكى ئانادولۇدا قەلبلەر بىر-بىرىگە تۇتىشىدۇ ۋە ئوتتۇرىغا ئاجايىپ بىر ئىنسانىيەت زەنجىرى چىقىدۇ. ھاياتنىڭ يۈكى، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ  كۈرەش قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىشى بىلەن قۇش پەيىدەك يېنىكلەيدۇ.     چاي ئىچۈرۈش، توي-تۆكۈن، سۈننەت توي قاتارلىق ئالاھىدە كۈنلەردە ۋە تەزىيە پائالىيەتلىرىدە قوشنىلار ھېچقانداق ياردەم تەلىپى كېلىشىنى كۈتمەيلا بىر يەرگە جەم بولىدۇ، ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىشلىرىنى زىممىسىگە ئالىدۇ. ئاياللار ئاياللار قىش پەسلىگە تەييارلىق قىلىش، ئۈزۈم يوپۇرمىقىنى تولدۇرۇش، نان يېقىش، رامىزان تەييارلىقى قاتارلىق جاپالىق ئىشلارنى ئۆزئارا ياردەملىشىش ئۇسۇلى بىلەن قىلىدۇ.»

بۇنىڭ ئەڭ گۈزەل مىساللىرىدىن بىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO)  نىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان «كەشكەك» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەمىنە ئەردوغان، كەشكەكنىڭ ھەر بىر باسقۇچىنىڭ كوللېكتىپ ئەجىر بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەمىنە ئەردوغان پائالىيەت مەيدانىدىكى كۆرگەزمە ئورۇنلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

پىروگراممىغا رەپىقىلىرى بىلەن بىرگە قاتناشقان سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ قاجىر بىلەن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسويمۇ سۆز قىلدى.

پىروگراممىغا ئىستانبۇل ۋالىيسى داۋۇت گۈل ۋە رەپىقىسى، ئەلچىلەر، كونسۇللار، ژۇرنالىستلار، ساھە ۋەكىللىرى، تاشقى دۆلەت ۋەكىللىرى، ئۇستا ئاشپەزلەر ۋە سەنئەتكارلار قاتناشتى.

ئەمىنە ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە تۈرك تائاملىرى ھەپتىلىكىنى تەبرىكلىدى

پىروگراممىدىن كېيىن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بايانات ئېلان قىلغان ئەمىنە ئەردوغان، بۇ يىل بەشىنچى قېتىم «بىر داستىخاندىكى مىراس» تېمىسىدا تەبرىكلىنىۋاتقان تۈرك تائاملىرى ھەپتىلىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئەلچىلەر، ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ۋە تۈرك تائاملىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان قىممەتلىك مېھمانلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانلىقىدىن تولىمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەمىنە ئەردوغان مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بىلەن سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش سەھىپىلىرىنى بەلگە قىلغان ھالدا ئېلان قىلغان باياناتىدا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى قىلدى:

 «تۈرك تائاملىرى ئانادولۇنىڭ روھى ۋە ۋىجدانىنى دۇنيانىڭ تۆت ئەتراپىغا يەتكۈزىدىغان ئەڭ گۈزەل مەدەنىيەت ئەلچىمىزدۇر. بىزنىڭ زىممىمىزگە يۈكلەنگەن ۋەزىپە، دۆلىتىمىزنىڭ ئاشپەزلىك ئوبرازىنى دۇنياغا تونۇلغان بىرنەچچە تائام بىلەنلا چەكلەپ قويماي، ئۇنى بىر <مەنا، مەدەنىيەت ۋە قىممەت قاراش تائاملىرى> سۈپىتىدە دۇنيادا لايىق بولغان ئورنىغا چىقىرىشتۇر. مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ  كۈرەش قىلىپ تائاملىرىمىزنىڭ سۈپەتلىك، ئىسراپسىز، سىجىل، مۇھىت دوستى، ساغلام ۋە ھەر خىل ئوزۇقلۇق تاللاشلىرىغا جاۋاب بېرەلەيدىغان تەرەپلىرىنى گەۋدىلەندۈرەيلى.

ئەڭ مۇھىمى، مومىلىرىمىزنىڭ رېتسىپلىرىغا، ئاشخانا سىرلىرىغا ۋە بەتلىرى سارغىيىپ كەتكەن رېتسىپ دەپتەرلىرىگە ئىگە چىقايلى. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ چوڭ ھېكايىمىز. تۈرك تائاملىرى ھەپتىلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، داستىخانلىرىمىزنىڭ بەرىكەتلىك، سۆھبەتلىرىمىزنىڭ ۋە بىرلىكىمىزنىڭ ئەبەدىي بولۇشىنى تىلەيمەن. بۇ ئەھمىيەتلىك پىروگراممىغا ئەجىر سىڭدۈرگەن ھەر بىر كىشىگە رەھمەت ئېيتىمەن.»

ئىزدىنىڭ
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى