يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇبىي كورېيە باش ئىشتابى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ شۇ جاي ۋاقتى سائەت 9 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە (گىرىنۋىچ ۋاقتى 00:20) پيوڭياڭ رايونىدىن ئېتىلغانلىقىنى بايقىغان. بومبىلار 900 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن.
جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلىش ئېھتىمالىغا قارشى كۆزىتىش پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە بىلەن ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى ھەمبەھرىلەۋاتقانلىقىنى ھەمدە ھوشيارلىق ھالىتىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىش، شىمالىي كورېيەنىڭ 3-ئۆكتەبىردە ۋونساندىن گىپېرسونىك، يەنى ئاۋازدىن نەچچە ھەسسە تېز دەپ مۆلچەرلەنگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىشىدىن بىر ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندە يۈز بەردى. پيوڭياڭ ئالدىنقى سىناقنى گىپېرسونىك ئىستراتېگىيەلىك قورال سىستېمىسىنى ئىشلىتىدىغان قىسىملارنىڭ مەشىقى دەپ چۈشەندۈرگەنىدى.
جىددىيچىلىك كۈچەيمەكتە
جەنۇبىي كورېيە ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىقتىدارىنى نامايان قىلىش مەقسىتىدە، پەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ گىپېرسونىك سىيرىلىپ ئۇچۇش ئاپپاراتىنى تۇنجى قېتىم سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ بەردى.
ياپونىيەمۇ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا دەپ گۇمان قىلىنغان ئىككى بومبىنى بايقىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ مەخسۇس ئىقتىسادىي رايونى سىرتىغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەڭ يېڭى قويۇپ بېرىشلەر، 21-سېنتەبىردە ھەربىيلەردىن خالىي رايوندا ئۈچ جەنۇبىي كورېيە ئەسكىرىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان مىنا پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن جىددىيچىلىك كۈچەيگەن بىر پەيتكە توغرا كەلدى.
سېئۇل ب د ت بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشتىن كېيىن، شىمالىي كورېيە قىسىملىرىنى مىنالارنى قەستەن ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى.
پيوڭياڭ بۇ ۋەقەگە مەسئۇل ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، سېئۇلنى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش بىلەن ئەيىبلىدى ھەمدە ھەر قانداق ھەربىي قارشى ھەرىكەتكە قايتۇرما زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
شىمالىي كورېيە دۈشەنبە كۈنىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشلەر ھەققىدە تېخى بايانات ئېلان قىلمىدى.




















