كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پەسكوف 2022-يىلى فېۋرالدىن بۇيان ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇكرائىنادا ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئورنىغا، ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
دىمىترىي پەسكوف پايتەخت موسكۋادا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ «ئەگەر رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 60 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى قوبۇل قىلسا، ئۇكرائىنادا سايلام ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن» دېگەن سۆزلىرى ئۈستىدە توختالدى.
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن پەسكوف: «بۇ مەسىلە رۇسىيەدە پۇتىن ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر تەرىپىدىن كۆپ قېتىم تەكرارلاندى. بىز ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى خالايمىز ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييارمىز» دېدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلىنىدىغان ھۇجۇملارنى توختىتىش ھەققىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بەرگەن پەسكوف، ئالاقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ ھەقتە ئېيتىدىغان بىرەر يېڭىلىق بولسا، سىلەرنى چوقۇم خەۋەردار قىلىمىز» دېدى.
ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىمۇ تەنقىد قىلغان پەسكوف، ياۋروپالىقلارنىڭ توقۇنۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
پەسكوف ياۋروپا دۆلەتلىرىنى «ئۇرۇش تەرەپدارلىرى» دەپ سۈپەتلەپ مۇنداق دېدى:
«بىز ئامېرىكا مۇرەسسەچىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقلىرىغا تېخىمۇ ئاكتىپ قارايمىز ۋە بۇ تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇلاردىن مىننەتدارمىز. بىز ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئارىسىدا ئايرىمچىلىق تۇغدۇرۇشقا ئۇرۇنمايمىز، بەلكى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش چارىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئۈنۈملۈك باسقۇچلارنى ۋە مەسئۇلىيەتچان قارارلارنى ئىزدەۋاتىمىز.»





















