2 سائەت بۇرۇن
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان پەيشەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ساياھەت شەھىرى ئانتاليادا سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا بىلەن كۆرۈشتى.
دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خاقان فىدان ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى يىغىدىن ئىلگىرى ئانتالياغا قىلغان زىيارىتى دائىرىسىدە ئەھمەد شارا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان.
تەۋسىيە
مۇنبەرنىڭ بەشىنچى نۆۋەتلىك يىغىنى (ADF2026) جۇمە كۈنى ئېچىلىدىغان بولۇپ، يىغىنغا دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى شۇنداقلا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدۇ.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئەتەنى لايىھەلەشتە ئېنىقسىزلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش» تېمىلىق يىغىن يەكشەنبە كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.













