تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئامېرىكانىڭ داڭلىق شىركىتى «Apple» نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇكنى قوبۇل قىلدى.
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى سارىيىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىش، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«بۈگۈن ‹Apple› باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىمىزدا، دۇنيا مىقياسىدىكى رەقەملىك تېخنولوگىيەنىڭ كېلەچىكى ۋە مەزكۇر شىركەتنىڭ تۈركىيەدىكى رەقەملىك ئەپ ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان قوللىشى ھەققىدە سۆزلەشتۇق. ئۇچرىشىشىمىزنىڭ تۈركىيە ۋە ‹Apple› شىركىتى ئۈچۈن خەيرلىك نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىشىگە تىلەكداشمەن.»
يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكانىڭ تېخنولوگىيە ماگناتى بولغان «Apple» شىركىتى، يېڭى ئەۋلاد مەزمۇن ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى، ئىجادچان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى قوللاش ۋە تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق ئەپ ئېچىش ساھەسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مەركەزلەردىن بىرىگە ئايلىنىشىغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە تۈركىيەگە ئۇزۇن مۇددەتلىك مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.




















