غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 500 گە يەتتى
غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى، ئاخىرقى 48 سائەت ئىچىدە بىر پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقىنى، 18 كىشىنىڭ بولسا يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 500 گە يەتتى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 500 گە يەتتى

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاخىرقى 48 سائەت ئىچىدە توققۇز پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر سانىنىڭ 73 مىڭ 449 غا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق كۈندىلىك ئىستاتىستىكا دوكلاتىدا، دوختۇرخانىلارغا توققۇز جەسەت بىلەن بىرگە جەسىتى يېڭى تېپىلغان بىر پەلەستىنلىكنىڭمۇ ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى ۋە بۇ جەرياندا 18 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق، ناھايىتى كۆپ ساندا پەلەستىنلىكنىڭ بىنا خارابىلىكلىرى ئاستىدا ۋە يوللاردا قالغانلىقىنى، جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە ئاممىۋىي مۇداپىئە ئەترەتلىرىنىڭ ئۇلارغا  يېتىپ بارالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پەلەستىنلىكلەرنىڭ قايسى شارائىتلاردا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ياكى يارىلانغانلىقىغا دائىر تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى، ئەمما ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2025-يىلى 10-ئۆكتەبىردىن بۇيان كۈچكە ئىگە بولغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مىنىستىرلىق ئۇرۇش توختىتىش كۈچكە ئىگە بولغاندىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ خىلاپلىق قىلىشلىرى نەتىجىسىدە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 1313 كىشىگە، يارىلانغانلار سانىنىڭ بولسا 4361 كىشىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق 2023-يىلى 8-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارشى ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 73 مىڭ 449  كىشىگە ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ 174 مىڭ 472  كىشىگە يەتكەنلىكىنىمۇ قوشۇمچە قىلدى.

كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنى قىرغىن قىلغاندىن باشقا يەنە، ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ تەخمىنەن 90% نى ۋەيران قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رايوننى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تەخمىنەن 70 مىليارد دوللار چېقىم كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israeli attacks kill Palestinian farmer in Gaza, wound others in occupied West Bank
ئىزدىنىڭ
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى