خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
نىگېرىيەدە سودىگەرلەر ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
نىگېرىيەنىڭ زامفارا ئىشتاتىدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا كېتىۋاتقان سودىگەرلەرگە قىلىنغان ھۇجۇمدا ئوفىتسېرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
نىگېرىيەدە سودىگەرلەر ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
نىگېرىيەدە سودىگەرلەر ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

نىگېرىيەنىڭ زامفارا ئىشتاتىدا ئارمىيەنىڭ قوغدىشى ئاستىدا سەپەر قىلىۋاتقان سودىگەرلەر ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

دۆلەتلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قوراللىق شايكا ئەزالىرى تۈنۈگۈن زامفارا ئىشتاتىدىكى گۇرۇسۇ-گۋاشى تاشيولىدا ھەپتىلىك بازارغا بېرىش ئۈچۈن ھەربىيلەر قوغداپ كېتىۋاتقان سودىگەرلەر ئاپتوموبىل ئەترىتىنى نىشان قىلغان.

ھۇجۇمدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئەزالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇن كىشى يارىلانغان. زامفارا ساقچى تەرەپ ھۇجۇمنى جەزملەشتۈرۈپ، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نىگېرىيەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قوراللىق شايكىلار بىلەن بىرلىكتە تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام ۋە دائېشنىڭ غەربىي ئافرىقادىكى گۇماشتىسى ISWAP نىڭ ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلمەكتە.

دۆلەتتە ئادەم تۇتقۇن قىلىش جىنايىتىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشىگە قارىماي، تۆلەم ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىش ۋەقەلىرى دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. قوراللىق كىشىلەر ئادەتتە دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى يېزا، مەكتەپ ۋە يولۇچىلارنى نىشان قىلىپ، تۆلەم تەلەپ قىلىدۇ.

ئىزدىنىڭ
كرېمىل: «پۇتىن ئىراننىڭ ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ترامپقا يەتكۈزدى»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ناۋى پىللايغا بېرىلدى
ناتونىڭ يىللىق يادرو قوراللىرىنى توسۇش مانېۋىرى 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىساياس بوران-چاپقۇنى سەۋەبىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى
مېكسىكادىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 10 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى دېڭىز يولى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە