ياپونىيەنى زىلزىلىگە سالغان 7.4 باللىق يەر تەۋرەش دېڭىز تاشقىنىغا سەۋەب بولدى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
ياپونىيەنى زىلزىلىگە سالغان 7.4 باللىق يەر تەۋرەش دېڭىز تاشقىنىغا سەۋەب بولدىياپونىيەنىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي شىمالىي قىسمىدىكى تىنچ ئوكيان قىرغاقلىرىدا ئېگىزلىكى تەخمىنەن 3 مېتىرغىچە يېتىدىغان دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىلدى.
ياپونىيەنى زىلزىلىگە سالغان 7.4 باللىق يەر تەۋرەش دېڭىز تاشقىنىغا سەۋەب بولدى / Reuters

دۈشەنبە كۈنى كەچتە ياپونىيەنى زىلزىلىگە سالغان 7.4 باللىق يەر تەۋرەشتىن كېيىن، دۆلەتنىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي شىمالىي قىسىملىرىدا دېڭىز تاشقىنى دولقۇنلىرى كۆرۈلدى.

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا ئۆلچەملىك ۋاقىت يەنى گىرىنۋىچ ۋاقتى سائەت 07:52 دە ئىۋاتې ئۆلكىسىدىكى مىياكو شەھىرىنىڭ تەخمىنەن 114 كىلومېتىر ئوچۇق دېڭىز تەۋەلىكىدە 7.4 بال يەر تەۋرىگەن.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى يەر تەۋرەشنىڭ دەرىجىسىنى 7.5 بال دەپ بېكىتكەن ۋە تىنچ ئوكيان قىرغىقىدىكى خوككايدو، ئائومورى ۋە ئىۋاتې رايونلىرىدا دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى چىقارغان.

ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا: «دېڭىز قىرغىقى ياكى دەريا بويلىرىدىكى كىشىلەر دەرھال ئېگىز جاي ۋە تېخىمۇ بىخەتەر رايونلارغا تارقاقلاشتۇرۇلۇشى كېرەك» دېيىلگەن.

كيودو خەۋەرلىرى (Kyodo News) تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تىنچ ئوكياندىكى ئىۋاتې ۋە ئائومورى ئۆلكىلىرىنىڭ ئوچۇق دېڭىز تەۋەلىكىدە دېڭىز تاشقىنى دولقۇنلىرى كۆرۈلگەن.

دېڭىز تاشقىنى ئېگىزلىكىنىڭ ئۈچ مېتىرغا يېتىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن دائىرىلەر، ئائومورى ۋە مىياگى ئۆلكىلىرىدىكى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىدا «ھېچقانداق نورمالسىزلىقنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.

يەر تەۋرەشتىن كېيىن پايتەخت توكيو بىلەن ئائومورى ئۆلكىسى ئوتتۇرىسىدىكى تېز پويىز قاتنىشى توختىتىلغان.

ياپونىيە باش ۋەزىرى سانائې تاكايىچى يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن رايونلاردىكى پۇقرالارنى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان دېڭىز تاشقىنىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن «ئېگىز جايلارغا كېتىش» كە چاقىرغان.

يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن تالاپەت كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

ئىزدىنىڭ
«ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپىگە ئالاقىدار تۇنجى يىپ ئۇچلىرى كۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان «قاھىرە»دە ئۇچرىشىشلاردا بولدى
تۈركىيە دۇنيا لوڭقىسى بىلەن ۋىدالاشتى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا ئىككى بومبا پارتلىدى
ترامپ «ئۇچار ئاقساراي» نى تونۇشتۇردى
ۋىتكوف بىلەن ئاراقچى شىۋېيتسارىيەدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ
ئىران سۆھبەتتىن بۇرۇن لىۋاندا ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋانغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 18 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ۋە 7 دۆلەت ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە - قىرغىزىستان شەھەر پىلانلاش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
ۋانس ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا ئالاقىدار شىۋىيېتسارىيە زىيارىتىنى كېچىكتۈردى
رۇسىيە: ئۇكرائىنا زاپورىژيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ قاتناش بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى
سىنگاپور باش مىنىستىرى ۋوڭ تۈركىيەگە كېلىدۇ
توقايېۋ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى قوبۇل قىلدى