خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
نېپالدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 900 دىن ئېشىپ كەتتى
نېپال بىلەن تىبەت چېگراسىدا مۇزلۇقنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ۋەيران قىلغۇچ كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 919 غا، يوقاپ كەتكەنلەر سانى بولسا 4 مىڭ 793 كە يەتتى.
نېپالدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 900 دىن ئېشىپ كەتتى
نېپالدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 900 دىن ئېشىپ كەتتى

نېپال ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئالتىنچى كۈنىگە قەدەم قويغان بىر پەيتتە، خىتاي چېگراسىغا يېقىن رايونلاردا يۈز بەرگەن ۋەيران قىلغۇچ كەلكۈن ئاپىتىدە كەم دېگەندە 903 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، دۆلەت مىقياسىدا يوقاپ كەتكەنلەر سانىنىڭ 4 مىڭ 247 گە ئۆرلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي دۆلەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرى چارشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ئاپەتتىن كېيىن، تىبەتتە 16 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 546 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى دەلىللىگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، مەزكۇر ئاپەتتە جەمئىي ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 919 غا، يوقاپ كەتكەنلەر سانى بولسا 4 مىڭ 793 كە يەتتى.

نېپال تەرەپ ئېلان قىلغان يوقاپ كەتكەنلەر تىزىملىكىدە 592 نەپەر چەت ئەللىك بار. نېپال دۆلەتلىك ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ۋە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىزىملىكتە يەنە دەريا بويىدىكى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشلىرىدا ئىشلەۋاتقان 933 ئىشچىمۇ بار. نېپال ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئورگىنى دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى مەلۇماتىدا، يوقاپ كەتكەن ئۆز پۇقرالىرىنىڭ سانىنىڭ 3 مىڭ 655 ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. يوقاپ كەتكەنلەر ئارىسىدا نېپال ئارمىيەسىنىڭ 45 ئەسكىرى، 38 ساقچى ۋە قوراللىق ساقچى، شۇنداقلا تاموژنا ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ 19 خادىمىمۇ بار.

چارشەنبە كۈنى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى، ھىمالايا تاغلىرىنىڭ يۇقىرى قىسىملىرىدا بىر مۇزلۇقنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىدىن كېيىن باشلانغان. سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرىنى تەتقىق قىلغان ئالىملار، ھىمالايا تېغىنىڭ يۇقىرى بىر رايونىدىكى مۇزلۇقنىڭ ئاستىدىكى ئاساسىي تاش قاتلىمىنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى ۋە مۇزلۇقنىڭ بىر قىسمىنىمۇ بىللە سۆرىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىنتايىن دەھشەتلىك بولغان بۇ تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى 5.2 بال يەر تەۋرەش خاراكتېرلىك ھادىسە سۈپىتىدە تىزىمغا ئېلىندى. گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن تاشلار ۋە ئېرىگەن سۇلار ۋادىدىكى دەريا سۈيىنى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتكەن بولۇپ، تىبەت ۋە نېپالدا بىنالارنى، كۆۋرۈكلەرنى ۋە تۇپراقنى ئېقىتىپ كەتكەن.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە شىمالىي قىبرىستا ئۆرۈلۈپ كەتكەن كېمىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى
شى جىنپىڭ، پۇتىن ۋە مودى بىشكەكتە كۆرۈشىدۇ
تۈركىيە سۈرىيە بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە
تۈركىيە ئالجىرىيەدىكى ئورمان ئوت ئاپەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى
ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بەزى مەھبۇسلارنى كەچۈرۈم قىلدى
تۈركىيەدە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن توك ئىشلەپچىقىرىش ئىيۇل ئېيىدا تارىخىي رېكورت ياراتتى
تۈركىيەنىڭ ئىيۇل ئېيىدىكى ئېكسپورتى 25 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتتى
ب د ت: غەززەدىكى ئائىلىلەرنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرى كۈنىگە پەقەت بىر ۋاخ تاماق بىلەن كۇپايىلىنىۋاتىدۇ
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ: رۇسىيە ناتو زېمىنلىرىغا ھۇجۇم قىلمايدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 20 ئۆينىڭ خارابىلىكىدىن 233 پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتى چىقىرىلد
ئىران: دېڭىز مۇھاسىرىسى داۋاملاشسا، ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىگە كۈچلۈك زەربە بېرىمىز
ترامپ ئونتارىيو كۆلىنىڭ نامىنى «ئامېرىكا كۆلى»گە ئۆزگەرتىشنى مەزمۇن قىلغان قارارنامىگە ئىمزا قويدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنى مىناميوت بىلەن ئوققا تۇتتى
رۇسىيە ئەنگلىيەنىڭ ھەربىي بازىلىرىغا زەربە بېرىش بىلەن تەھدىت سالدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ: «ئىران گۇمران بولۇۋاتقان بىر دۆلەت»