دونالد ترامپ ئاقسارايدىكى ئىشخانىسىدا قارارنامىگە ئىمزا قويۇۋاتقاندا بايانات بېرىپ، بۇ قەدەمنىڭ كاناداغا بىۋاسىتە يوللانغان ئۇچۇر ئەمەسلىكىنى دەۋا قىلدى. شۇنداقتىمۇ، شىمالدىكى قوشنىلىرىنىڭ سودا ساھەسىدە ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكانى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
كۆلنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىشنى ئۇزۇندىن بۇيان ئويلىشىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان ترامپ: «ھازىر بىر قولتۇقىمىز ۋە بىر كۆلىمىز بار. ئەمدى بىزگە پەقەت بىر ئوكيان كېرەك. بەلكىم ئاتلانتىك ئوكيان ياكى تىنچ ئوكياننىڭ نامىنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەكتۇر. بەلكىم ھەر ئىككىسىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىۋېتىشىمىزمۇ مۇمكىن»، دېدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى قارارنىڭ رەسمىي ئىكەنلىكى ۋە دەرھال كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمىتىنىڭ زۆرۈر بولغان بارلىق ھۆججەت ۋە ماتېرىياللارنى سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.
قارارنامە تېكىستىگە ئاساسەن، ئامېرىكا جۇغراپىيەلىك ناملار ئۇچۇر سىستېمىسىدىكى نام ئۆزگىرىشىنى يېڭىلاش ئۈچۈن ئامېرىكا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا 30 كۈن مۆھلەت بېرىلدى.
كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنىي بولسا، ئونتارىيو كۆلى نامىنىڭ 400 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ نامنىڭ كانادا كونفېدىراتسىيەسى قۇرۇلۇشتىن ۋە ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇنقى دەۋرگە تۇتىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
كارنىي ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان يازمىسىدا مۇنداق دېدى: «بىز ئامېرىكانىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. ئۇنىڭ سودا مۇناسىۋەتلىرى، تاشقى سىياسىتى، مىللىي يادىكارلىقلىرى ۋە جۇغراپىيەلىك ناملىرى ئۆزگىرىۋاتىدۇ. ئەمما كانادالىقلار ھەر نەرسىنىڭ ئۆز نامى بىلەن ئاتىلىشى كېرەكلىكىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. بۇ كۆلنىڭ نامى بۈگۈنمۇ، بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈگە ئونتارىيو كۆلىدۇر.»
ئونتارىيو ئۆلكىسىنىڭ باش مىنىستىرى دوگ فوردمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «كانادالىقلار ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن بۇ جاي ئونتارىيو كۆلىدۇر. ھازىرمۇ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەڭگۈ شۇنداق» دېدى.
ئونتارىيو كۆلى «ئامېرىكا كۆلى» بولالامدۇ؟
خەلقئارا سۇلۇق جايلارغا نام بېرىشنى بەلگىلەيدىغان خەلقئارالىق بىر ئورگان يوق. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئۆز دۆلىتىنىڭ رەسمىي جۇغراپىيەلىك ناملىرى ئۈستىدە كەڭ ھوقۇققا ئىگە بولسىمۇ، باشقا دۆلەتلەر بۇ قارارلارنى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر ئەمەس.
ترامپ 2025-يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قارار ئارقىلىق مېكسىكا قولتۇقىنىڭ نامىنىمۇ «ئامېرىكا قولتۇقى»غا ئۆزگەرتكەن ئىدى. مېكسىكا خەلقئارا سۇ گەۋدىسىنىڭ نامىنى بىرلا دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ قارارنى رەت قىلغانىدى.
















