تۈركىيەدە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن توك ئىشلەپچىقىرىش ئىيۇل ئېيىدا 5 مىليارد 370 مىليون كىلوۋات سائەت بىلەن ئايلىق ئاساستا پۈتۈن زامانلاردىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى.
ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ ئىيۇل ئېيىدىكى ئومۇمىي توك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 34 مىليارد 600 مىليون كىلوۋات سائەت بولغانلىقى قەيت قىلىندى.
مىنىستىر ئالپئارسلان بايراقتار: «ئىيۇل ئېيىدا توك ئىشلەپچىقىرىشىمىزدا تارىخىي قوش رېكورت يارىتىپ، يەرلىك مەنبەلەرگە تايانغان ئىشلەپچىقىرىشىمىزنى 24 مىليارد 750 مىليون كىلوۋات سائەتكە، قۇياش ئېنېرگىيەسى مەنبەلىك ئىشلەپچىقىرىشىمىزنى بولسا 5 مىليارد 370 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكۈزدۇق» دېدى.
ئالدىنقى ئايدا توك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئەڭ يۇقىرى ئۈلۈشنى %26.2 بىلەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ مەزگىلدە سۇدىن 9 مىليارد 70 مىليون كىلوۋات سائەت توك ئىشلەپچىقىرىلغان.
ئىيۇن ئېيىدا 4 مىليارد 990 مىليون كىلوۋات سائەت بىلەن رېكورت ياراتقان قۇياش ئېنېرگىيەسى، ئىيۇلدا يېڭى بىر رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى. قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان توك ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ %15.5ىنى تەشكىل قىلدى. يەرلىك مەنبەلەرنىڭ ئومۇمىي توك ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئۈلۈشى بولسا %71.5 دەپ ھېسابلاندى.




















