غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 20 ئۆينىڭ خارابىلىكىدىن 233 پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتى چىقىرىلد
غەززەدىكى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ۋەيران قىلغان 20 ئۆي خارابىلىكى ئاستىدىن 233 پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتىنى تاپتى؛ يەنە نۇرغۇن كىشىنىڭ ئىز-دېرىكى يوق.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 20 ئۆينىڭ خارابىلىكىدىن 233 پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتى چىقىرىلد
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 20 ئۆينىڭ خارابىلىكىدىن 233 پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتى چىقىرىلدى

غەززە رايونىدىكى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھۇجۇملىرى جەريانىدا ئاھالىلەرنىڭ ئۈستىگە گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن 20 ئۆي خارابىلىكىنىڭ ئاستىدىن 233 پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتىنى چىقاردى.

غەززەدىكى پۇقراۋى مۇداپىئە ئەترەتلىرىنىڭ خارابىلىك ئاستىدىكى جەسەتلەرنى چىقىرىش خىزمىتىگە مەسئۇل پولكوۋنىك مۇھەممەد ئەبۇ دان ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ خارابىلىكلىرىدە ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. پولكوۋنىك ئەبۇ دان ئىسرائىلىيە ۋەيران قىلغان مەزكۇر 20 ئۆي خارابىلىكى ئاستىدا 407 پەلەستىنلىكنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، ھازىرغىچە بۇلاردىن 233 كىشىنىڭ جەسىتىنى چىقارغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 438گە يەتتى

ئىسرائىلىيە بومباردىمان قىلغان ئۆيلەرنىڭ خارابىلىكلىرىدىن چىقىرىلغانلاردىن 73ىسىنىڭ بالا، 106سىنىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئەبۇ دان، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ئىنتايىن چەكلىك شارائىتتا 381 سائەت داۋاملاشقان خىزمىتى نەتىجىسىدە مەزكۇر پۇقرالارنىڭ جەسىتىنى تاپقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئومۇمىي سانى 73 مىڭ 438گە، يارىلانغانلار سانى بولسا 174 مىڭ 447گە يەتتى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»